«R4» تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
«R4» تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندىتاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ساھىبخانلىقىدا، ئىستانبۇلدا «R4» تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى باشلاندى.
R4 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى

«R4» مېخانىزمى، تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تەرىپىدىن رايونلۇق ئىگىدارچىلىق قىلىش ئېڭى ئاساسىدا ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقنى قوللاش ۋە رايونلۇق مەسىلىلەردە دىيالوگنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى.

فىدان، رايونلۇق مەجبۇرىيەتلەرنى ئەسكەرتىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ يىغىندىكى نۇتىقىدا، رايونلۇق خەۋپسىزلىكنىڭ ئەڭ ئاۋۋال رايون دۆلەتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ چۈشەنچە ئاساسىدا رايونلۇق ئىگىدارچىلىقنى ئاساس قىلغان ھەمكارلىق مېخانىزملىرىنى كۈچەيتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى كۈتۈلمەكتە.

فىداننىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىشغالىيىتىنىڭ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان مۇرەسسەسىز پوزىتسىيەسىنىڭ ۋە پۈتۈن رايونغا كېڭىيىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىيچىلىكلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

خاقان فىداننىڭ، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ قۇددۇسنىڭ تارىخىي ۋە قانۇنىي ئورنىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان شۇنداقلا ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تىرىشچانلىقلىرىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلاردىن ساقلىنىشىنىڭ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەگە بېسىمىنى ئاشۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىشى كۈتۈلمەكتە.

ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ پەقەت دىپلوماتىيە ۋە دىيالوگ يولى بىلەنلا ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى، ھەربىي ئۇسۇللارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بىر ھەل قىلىش چارىسى يارىتالمايدىغانلىقى شۇنداقلا رايوندىكى نازۇك ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ۋە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بىر توقۇنۇش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان فىداننىڭ، ھۇسىيلار گۇرۇھىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا پۇقرالارنى ۋە پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرى ئالدىدا تۈركىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، مەككە مۇداپىئە ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمكارلىق ۋە ئورتاق بىخەتەرلىك چۈشەنچىسىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشى كۈتۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيە ھورمۇز بوغۇزىغا يېقىن جايغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ساندېرس: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ
چىفتچى: ئىتالىيە بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتىمىز
زېلېنىسكىي ترامپنىڭ ۋەكىللىرى كۇشنېر ۋە ۋىتكوف بىلەن تېلېفونلاشتى
فەنەرباھچە كوماندىسى «ئەنگلىيە گىگانتى» لىۋېرپولنى يەڭدى
پاكىستان «ھاۋادىن ھاۋاغا» ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
خىتاي «ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار» ئىكەنلىكى ئۇچۇرىنى بەردى
بىر ۋارىل برېنت نېفىتى 103.96 دوللاردىن سېتىلماقتا
سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئاتىسى گېئوففرېي ھىنتون: ئەسلا تەرەققىي قىلدۇرۇلمىغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى
ئىران پارلامېنت باشلىقى: ئامېرىكا خەلقى ئۇرۇشقا ياق دېدى، بىز بۇ ئۇچۇرنى قوللايمىز
2026-يىللىق ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى: دېموكراتلار كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى
ياۋروپالىق ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر بىريۇسسېلدا خامچوت قىسقارتىشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
كىرېمىل: پۇتىن، ترامپ ۋە شى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈشۈش تەييارلىقى داۋاملاشماقتا
تېھراندىكى ئىنقىلاب مەيدانىغا ترامپنى قەستلەش نىشان قىلىنغان پىلاكات ئېسىلدى
رۇسىيە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى خىزمىتىگە قاتنىشىشقا يېشىل چىراغ ياقتى