ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: «خىتاي ماللىرىغا يۈرگۈزۈلگەن %80 لىك تاموژنا بېجى مۇۋاپىقتەك كۆرۈنىدۇ» دېدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، خىتاي ماللىرىغا %80 لىك تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈلۈشىنىڭ «مۇۋاپىقتەك كۆرۈنۈۋاتقانلىقى»نى ئېيتتى.
ترامپ: «خىتاي ماللىرىغا يۈرگۈزۈلگەن %80 لىك تاموژنا بېجى مۇۋاپىقتەك كۆرۈنىدۇ» دېدى
ترامپ: «خىتاي ماللىرىغا يۈرگۈزۈلگەن %80 لىك تاموژنا بېجى مۇۋاپىقتەك كۆرۈنىدۇ» دېدى / Photo: Reuters / Reuters

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت ۋە باش سودا سۆھبەتچىسى جەمىسون گىرىر، سودا ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش يولىدىكى تۇنجى قەدەم بولۇشى مۇمكىن بولغان سۆھبەتلەر دائىرىسىدە خىتاينىڭ ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خې لىفېڭ بىلەن شىۋىيېتسارىيەدە ئۇچرىشىدۇ.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، خىتاي ماللىرىغا %80 لىك تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈلۈشىنىڭ «مۇۋاپىقتەك كۆرۈنۈۋاتقانلىقى»نى ئېيتتى. ترامپ بۇ سۆزلەرنى دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ سودا ئۇرۇشىنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە ھەپتە ئاخىرىدا ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتلىرىدىن بۇرۇن قىلدى.

ترامپ جۈمە كۈنى «Truth Social» سۇپىسىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا: «خىتاي بازىرىنى ئامېرىكاغا ئېچىشى كېرەك — بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ!!! يېپىق بازارلار ئەمدى كارغا كەلمەيدۇ!!!» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپ يەنە: «خىتايغا يۈرگۈزۈلگەن %80 لىك تاموژنا بېجى مۇۋاپىقتەك كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكىسىنى سكوت ب. [بېسسېنت] گە قويۇپ بېرىمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت ۋە باش سودا سۆھبەتچىسى جەمىسون گىرىر، خىتاينىڭ ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خې لىفېڭ بىلەن شىۋىيېتسارىيەدە ئۇچرىشىدۇ. بۇ سۆھبەتلەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش يولىدا تاشلانغان تۇنجى قەدەم بولۇشى مۇمكىن.

ترامپ يانۋاردا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللاردىن ئېلىنىدىغان باجنى %145 كە ئۆستۈردى. بۇ نىسبەتنىڭ ترامپنىڭ تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ۋە بايدىن ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە خىتايغا يۈرگۈزۈلگەن قوشۇمچە باجلارنىڭ ئۈستىگە قوشۇمچە قىلىپ ئېلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى.

خىتاي بولسا بۇ ئەھۋالغا قارىتا، بەزى كەم ئۇچرايدىغان يەر ئېلېمېنتلىرىنىڭ ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويۇش ۋە ئامېرىكا ماللىرىغا يۈرگۈزۈلگەن تاموژنا بېجىنى %125 كە ئۆستۈرۈش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، پۇرچاق ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلارغا قوشۇمچە باج قويدى.

جەنۋەدە ھەپتە ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەر ترامپ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن خىتاي بىلەن بولغان جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش يۆنىلىشىدىكى بىر قەدەم دەپ قارالماقتا.

ئىزدىنىڭ
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى