ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پېرىزىدېنتى ترامپ، خىتاي زىيارىتىدىن بۇرۇن بەرگەن باياناتلىرىدا ئىرانغا بولغان بېسىمنىڭ كۈچىيىپ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا خەلقىنىڭ مالىيە ئەھۋالى ئەمەس، بەلكى ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپ، خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتىدىن بۇرۇن ئاق سارايدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. كۈنتەرتىپتىكى ئىران-ئامېرىكا جىددىيچىلىكىگە ئائىت مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەرگەن ترامپ، تېھران ھۆكۈمىتىگە قارىتا يولغا قويۇلغان قامالنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«مالىيە ئەھۋالى ئەمەس، بىخەتەرلىك ئالدىنقى ئورۇندا»
بىر مۇخبىرنىڭ «ئامېرىكادىكى نۆۋەتتىكى مالىيە ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادىي مەنزىرىنىڭ، ئىران بىلەن كېلىشىم تۈزۈش نۇقتىسىدا تۈرتكىلىك رولى بار-يوقلۇقى» ھەققىدىكى سوئالىغا ئېنىق جاۋاب بەرگەن ترامپ: «ئامېرىكالىقلارنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى ئەسلا ئويلىمايمەن. مېنى تۈرتكىگە ئىگە قىلىدىغان بىردىنبىر نەرسە بار؛ ئۇ بولسىمۇ ئىران يادرو قورالىغا ئىگە بولالمايدۇ. بۇ بېسىم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاخىرلاشمايدۇ، قامالىمىز داۋاملىشىدۇ» دېدى.
يەتكەن پۇل پاخاللىقى ئېتىراپى
ئامېرىكادا يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن پۇل پاخاللىقى رەقەملىرى ۋە ئۆرلىگەن بېنزىن باھاسى سەۋەبىدىن سىياسەتلىرى تەنقىد قىلىنغاندىن كېيىن، ترامپ دىققەتنى تارتىدىغان بىر سېلىشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋەزىپىگە كەلگەن مەزگىلدىكى رەقەملەرنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ترامپ: «مېنىڭ سىياسەتلىرىم ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە ئۈنۈم بەرمەكتە. ئىران بىلەن بولغان بۇ مۇساپە باشلىنىشتىن سەل بۇرۇن پۇل پاخاللىقى %1.7 سەۋىيەسىدە ئىدى» دېيىش ئارقىلىق، يولغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرىنى ۋاسىتىلىك ھالدا ئېتىراپ قىلدى.
خىتاي زىيارىتى ۋە ھورمۇز بوغۇزى سىگنالى
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشتا ئىران مەسىلىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ترامپ، ئەمما خىتاي بىلەن سۆزلىشىدىغان «بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ۋە مۇھىم مەسىلىلەر» بارلىقىنى ئىپادىلىدى. ئىرانغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي قامالنىڭ ئۈنۈم بېرىشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ، نېفىت ئېقىمى ۋە ھورمۇز بوغۇزىغا مۇناسىۋەتلىك: «شۇنداق بىر نېفىت ئېقىمى بولىدۇكى، ئىلگىرى ئەسلا كۆرۈپ باقمىغان بولىسىز. بۇ مۇساپە ھەر قانداق ئەھۋالدا بىز ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى نەتىجىلىنىدۇ» دېيىش ئارقىلىق رايوندىكى كونتروللۇقنىڭ ئۆزلىرىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
پېنتاگوننىڭ «باھادىر» (Sledgehammer) پىلانى
يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئورۇن ئالغان ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى مەنبە كۆرسەتكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، پېنتاگوننىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىدا ئىرانغا قارىتا ھەرىكەت تەييارلىقىدا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «باھادىر» (Sledgehammer) دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ يېڭى پىلاننىڭ، ھەرىكەتنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قانۇنىي مۇساپىنى (60 كۈنلۈك مۇددەت چەكلىمىسىنى) قايتىدىن باشلاش مەقسىتىدە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ۋاشىنگتوندىكى قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى بولسا پەقەت ئىسىم ئۆزگەرتىش بىلەنلا يېڭى بىر ھەرىكەت مۇساپىسىنى باشلىغىلى بولمايدىغانلىقىغا دائىر قارىشىدا بىرلىككە كەلدى.
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرانغا تۇتقان بۇ قاتتىق پوزىتسىيەسىنىڭ، نويابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوتتۇرا سايلاملىرىدىن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت ئىچى سىياسىتىدە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە داۋاملىق مۇنازىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.











