غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قانۇنغا قىلمىشلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇننى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ غەززەدىكى نازۇك ئۇرۇش توختىتىشنى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قانۇنغا  قىلمىشلىرى ھەققىدە  ئاگاھلاندۇردى
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قانۇنغا قىلمىشلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى / AP

ب د ت دوكلاتچىلىرى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى ۋە كۆپىيىۋاتقان پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم نىسبىتى، سۇنداقلا غەززە ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئارىلىشىشى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يېتىپ بېرىشىنىڭ قايتا تەمىنلىنىشى ۋە ئىسرائىلىيەنى جاۋابكارلىققا تارتىش چاقىرىقىدا بولدى.

ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى دۈشەنبە كۈنى ئەزا دۆلەتلەرگە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا ئۈزلۈكسىز خىلاپلىق قىلىشىنىڭ نازۇك ئۇرۇش توختىتىش ۋەزىيىتىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ۋە پۇقرالارنى خەۋپكە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقىدا بولدى.

ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى بىر باياناتتا، 10-ئۆكتەبىردە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئۇرۇش توختىتىشتىن بۇيان ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ كەم دېگەندە 393 قېتىم قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە 70 تىن كۆپرەكى كىچىك بالىلار بولپ جەمئىي339 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 870 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە، 28-ئۆكتەبىردە يۈز بەرگەن ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ بولسا ئۇرۇش توختىتىش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ قانلىق كېچە ئىكەنلىكى ۋە كەم دېگەندە 104 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلەندى.

مۇتەخەسسىسلەر، ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈشنىڭ خەتەرلىك دەرىجىدە چەكلىك بولۇۋاتقانلىقىنى، ئالتە چېگرا ئېغىزىدىن پەقەت ئىككىسىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، ياردەم توشۇشنىڭ نىشاندىكىدىن ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى ۋە چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ جىددىي ھالدا ماتېرىيال ۋە ئۈسكۈنىلەرگە ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈردى.

«غەززەدىكى پەلەستىن نوپۇسىغا قارىتىلغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇملىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئوچۇق-ئاشكارە خىلاپلىق قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا» دېگەن ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى، خەلقئارا جەمئىيەتنى پۇقرالارغا قارىتىلغان ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىشى ۋە توسالغۇسىز ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە رۇخسەت قىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

يەنە ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا زوراۋانلىقنىڭ كۈچەيگەنلىكى؛ قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ۋە ئەسكەرلەر تەرىپىدىن پەلەستىنلىك پۇقرالارغا، يەر ۋە مۈلۈكلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

مۇتەخەسسىسلەر ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ غەربىي قىرغاقنىڭ بەزى بۆلۈملىرى ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى كېڭەيتىشىنى نىشان قىلغان قانۇن تەشەببۇسىغىمۇ قارشى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، بۇنى «مۇتلەق قانۇنسىزلىق» دەپ ئاتىدى.

ئۇرۇش توختىتىشنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مۇتەخەسسىسلەر، بىراق جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ تېخىچە ئىشقا ئاشمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى يۇقىرىقى ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا 9-ئۆكتەبىردە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، كۈندە غەززەگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 600 يۈك ئاپتوموبىلى ياردەم كىرىشى مۆلچەرلەنگەن ئىدى.

بۇنىڭغا قارشى ئىسرائىلىيە كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىدى ۋە ھەر كۈنى دېگۈدەك ھۇجۇملارنى قىلماقتا.

2023-يىل ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدە، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىڭ بالىلار بولۇپ، تەخمىنەن 70 مىڭدىن ئارتوق كىشىنى ئۆلتۈردى ۋە 170 مىڭ 900 دىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇردى. بۇ رەھىمسىز ھۇجۇم غەززەنىڭ كۆپ قىسمىنى خارىبىلىككە ئايلاندۇردى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز