جەنۇبىي كورېيەلىك گېنېرال ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

جەنۇبىي كورېيەلىك گېنېرال ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىكى رولى سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

By
جەنۇبىي كورېيەلىك گېنېرال ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى / Others

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىدىن كېيىن، گېنېرال كاڭ دوڭگىلنىڭ 2024-يىلى 3-دېكابىر كەچتە ھەربىي ھالەت قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى ۋە شۇ سەۋەبلىك ئۇ  ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئىشەنچلىك مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، جەنۇبىي كورېيە دېڭىز ئارمىيەسى باش قوماندانى ئادمىرال كاڭ دوڭگىلغا سابىق پىرېزىدېنت يۇن سۇك يېئولنىڭ 2024-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە رول ئوينىغانلىقى سەۋەبلىك، بىر ئاي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى كاڭ دوڭگىلغا بېرىلىدىغان ئىنتىزام جازاسىنى بېكىتىش ئۈچۈن كومىتېت يىغىنى ئاچقان. بۇ قارار 2024-يىلى 3-دېكابىر كەچتە كاڭنىڭ ھەربىي ھالەت قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇشقا ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ئېنىقلىمالار ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ماقۇللانغان.

كاڭ دوڭگىل ئالدىنقى ئايدا مۇشۇ دەۋالار سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن چەتلەشتۈرۈلگەن ئىدى.

 ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنغان مەزگىلدە، كاڭ باش ئىشتاب باشقارمىسىدا ھەربىي  ئىشلار ياردەم مۇدىرى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتاتتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى دائىرىلەر ئۇدا ئالتە ئاي داۋاملاشقان تەكشۈرۈش جەريانىدا، 24 ھەربىي قوماندانلىق مەركىزى ۋە باشقارمىلىرىدىن تەخمىنەن 860 گېنېرال ۋە ئوفىتسېر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھەربىي ھالەتكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك رول ئوينىغان دېگەن گۇمان بىلەن 180 ئەتراپىدا خادىمنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مىنىستىرلىق يەنە قىسقا مۇددەتلىك ھەربىي ھالەت بۇيرۇقى جەريانىدا تەخمىنەن 1580 ئەسكەرنىڭ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.