ئامېرىكا ھىندىستاندىن كېيىن، ياپونىيەدىنمۇ رۇسىيەدىنمۇ ئېنېرگىيە ئىمپورتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

ياپونىيە مالىيە ۋەزىرى كاتسۇنوبۇ كاتو ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرى سكوت بېسسېنتنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلىپى ھەققىدە توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

US wants Japan to stop buying Russian energy / Reuters

ياپونىيە مالىيە ۋەزىرى كاتسۇنوبۇ كاتو ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرى سىكوت بېسسېنتنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلىپى ھەققىدە توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، توكيونىڭ ئۇكرائىنادا ئادىل تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «يەتتە دۆلەت گۇرۇھى»نىڭ كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىغا ماسلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرى سىكوت بېسسېنت چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، ۋاشىنگتوننىڭ ياپونىيەدىن رۇسىيەدىن ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھىندىستاننىڭ موسكۋادىن نېفىت سېتىۋېلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بېسسېنت «X» سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياپونىيە مالىيە ۋەزىرى كاتو بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ «ياپونىيەنىڭ رۇسىيەدىن ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشىنى كۈتىدىغانلىقى» مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىمپورتىغا زور دەرىجىدە تايىنىدىغان دۆلەت بولغان ياپونىيە تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى رۇسىيەدىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) ئىمپورت قىلىش ئۈچۈن 582 مىليارد يېن (3 مىليارد 900 مىليون دوللار) خەجلىگەن. بۇ سان دۆلەتنىڭ ئومۇمىي سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئىمپورتىنىڭ %8.9 ىگە توغرا كېلىدۇ.

ۋاشىنگتوندىكى ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كاتونىڭ بېسسېنتنىڭ سۆزلىرىگە باھا بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەرلەردە كاتونىڭ: «مەن باشقا مىنىستىرلارنىڭ دېگەنلىرىنى مۇنازىرە قىلىشنى خالىمايمەن» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ياپونىيە ۋەزىرى يەنە: «بىز ‹يەتتە دۆلەت گۇرۇھى› بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇكرائىنادا ئادىل تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىشقا بەل باغلىدۇق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ترامپ چارشەنبە كۈنى ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنىڭ ئۆزىگە يېڭى دېھلىنىڭ رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋېلىشنى توختىتىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ مۇخبىرلارغا: «بىلىسىلەركى، بۇ دەرھال قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. ئازراق ۋاقىت كېتىدۇ، ئەمما بۇ جەريان يېقىندا تاماملىنىدۇ» دېدى.

مودى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان بولۇشىغا قارىماي، ھىندىستاننىڭ تارىخىي ھەمراھى بولغان رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋېلىشىنى ئاقلىغان ئىدى.

ترامپ ئاۋغۇست ئېيىدا ھىندىستاننىڭ ئامېرىكاغا قىلىدىغان ئېكسپورتىغا %50 تاموژنا بېجى يۈكلىگەن، ترامپنىڭ ياردەمچىلىرى بولسا ھىندىستاننى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنى مالىيە جەھەتتىن قوللاۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

بېسسېنت يەنە كاتو بىلەن «ئامېرىكا-ياپونىيە سودا ۋە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى دائىرىسىدە ياپونىيەنىڭ ئامېرىكادىكى ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىشلىرىنى جانلاندۇرۇش پىلانى»نى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.