سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
«مەنىۋى مەسلىھەتچىسى» نىڭ ترامپنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشىتىشى نارازىلىق قوزغىدى
پاۋلا ۋايت-كېيننىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپ دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشىتىشى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدە كۈچلۈك نارازىلىق دولقۇنى پەيدا قىلدى.
«مەنىۋى مەسلىھەتچىسى» نىڭ ترامپنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشىتىشى نارازىلىق قوزغىدى
«مەنىۋى مەسلىھەتچىسى» نىڭ ترامپنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشىتىشى نارازىلىق قوزغىدى / AFP

مەنىۋى مەسلىھەتچى پاۋلا ۋايت-كېين چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئىسا ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىسىدا قۇرغان تالاش-تارتىشلىق باغلىنىش سەۋەبىدىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدە قاتتىق ئەيىبلەشكە دۇچ كەلدى.

پاۋلا ۋايت-كېين پائالىيەتتە مۇنداق دېدى:

« ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈمى، دەپنە قىلىنىشى ۋە قايتا تىرىلىشى بىلەن بىزگە كۆپ تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەتكۈزدى. ئۇ بۈيۈك بىر رەھبەرلىك ۋە ئۆزگىرىشنىڭ چوڭ پىداكارلىقلارنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت، ھېچكىم سىز تۆلىگەن بەدەلنى تۆلىمىدى. بۇ سىزنىڭ جېنىڭىزغا زامىن بولغىلى تاس قالدى. سىز خىيانەتكە ئۇچرىدىڭىز، تۇتقۇن قىلىندىڭىز ۋە ناھەق ئەيىبلەندىڭىز. بۇ رەببىمىز ۋە قۇتقۇزۇچىمىزنىڭ (ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ) بىزگە كۆرسەتكەن تونۇشلۇق ئەندىزىسىدۇر. ئەمما بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس ئىدى، سىز ئۈچۈنمۇ ئاخىرقى نۇقتا بولمايدۇ. خۇدانىڭ ھەمىشە بىر پىلانى بار ئىدى. ئۈچىنچى كۈنى ئىسا ئەلەيھىسسالام قايتا تىرىلدى؛ رەزىللىكنى، ئۆلۈمنى ۋە دوزاخنى يەڭدى. ئۇ قايتا تىرىلگەنلىكى ئۈچۈن ھەممىمىز بىلىمىزكى، بىز چوقۇم يۈكسىلەلەيمىز. ئەپەندىم، ئۇنىڭ قايتا تىرىلىشى سايىسىدا سىزمۇ ئورنىڭىزدىن تۇردىڭىز. مەن ئىشىنىمەنكى، خۇدا مەندىن سىزگە مۇنۇلارنى ئېيتىشىمنى خالىدى: ئۇنىڭ غەلىبىسى سايىسىدا، سىز قول ئۇزارتقان ھەرقانداق ئىشتا غەلىبە قىلىسىز.»

ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ نۇتۇقنى «دىنغا ھاقارەت» ۋە «ساراڭلىق» دەپ سۈپەتلەپ، ۋايت-كېيننى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى