سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئافغانىستان – پاكىستان كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا ۋەدە بەردى
جىددىيلىك بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئافغانىستان – پاكىستان كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا ۋەدە بەردى.
ترامپ ئافغانىستان – پاكىستان كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا ۋەدە بەردى
ترامپ ئافغانىستان – پاكىستان كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا ۋەدە بەردى / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى: «مەن ئۇرۇشلارنى ھەل قىلىشقا، تىنچلىق ئورنىتىشقا ماھىرمەن. ئافغانىستان – پاكىستان كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا ۋەدە بېرىمەن» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنقى جىددىيچىلىكنى ھەل قىلىشقا ۋەدە بەردى. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇرۇشلارنى ھەل قىلىشقا ماھىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ترامپ ئىسرائىلىيەگە سەپەر قىلىش ھارپىسىدا  «Air Force One» ناملىق مەخسۇس ئايروپىلاندا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«بۇ مېنىڭ ھەل قىلغان سەككىزىنچى ئۇرۇشۇم بولىدۇ. ئاڭلىشىمچە، ھازىر پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا بىر ئۇرۇش بار ئىكەن. مەن قايتىپ كەلگۈچە ساقلىشىم كېرەك دېدىم. مەن ھازىر يەنە بىر ئۇرۇشنى ھەل قىلىۋاتىمەن. چۈنكى، مەن ئۇرۇشلارنى ھەل قىلىشقا، تىنچلىق ئورنىتىشقا ماھىرمەن. دەرۋەقە، شۇنداق قىلىش مەن ئۈچۈن شەرەپتۇر. مەن مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالدىم.»

يەكشەنبە كۈنى تالىبان 2021 – يىلى ئافغانىستاننى قايتىدىن قولغا كىرگۈزگەندىن بۇيان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ بىر قىسمىدا، پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا كېچىچە داۋام قىلغان توقۇنۇشلاردا نەچچە ئون ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ئەھۋالنى ھەر ئىككى تەرەپ دەلىللىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - پاكىستان كۈچلىرى ساقچى تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن بەش تېرورچىنى ئۆلتۈردى

يېقىنقى جىددىيچىلىك ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ۋە پەيشەنبە كېچىسى پاكىستان بىلەن چېگراداش پاكتىكا ئۆلكىسىنىڭ مارغا رايونىدىكى بىر يېزىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىن كېيىن يۈز بەردى.

دۈشەنبە كۈنى ترامپنىڭ ئىسرائىلىيەگە بېرىپ ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشى ۋە ئىسرائىلىيە پارلامېنتىغا خىتاب قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ترامپ كېيىنچە مىسىرنىڭ شەرمۇششەيخ شەھىرىگە بېرىپ، دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان شەرمۇششەيخ تىنچلىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

قاھىرەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ترامپ بىلەن  مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى رىياسەتچىلىك قىلىدىغان باشلىقلار يىغىنى «غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش، ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى كۈچەيتىش، رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك ھەم مۇقىملىقنىڭ يېڭى بىر باسقۇچىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش» نى نىشان قىلىدىكەن.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»