غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈرك پائالىيەتچى: ئۇلار گرېتا تۇنبېرگنى قىيىن-قىستاققا ئالدى، زورلاپ ئىسرائىلىيە بايرىقىنى سۆيگۈزدى
ئەرسىن چەلىك: «ئۇلار ئۇنى يەردە سۆرىدى، ئىسرائىلىيە بايرىقىنى سۆيگۈزدى. ناتسىستلار نېمە قىلغان بولسا، شۇنى قىلدى» دېدى.
تۈرك پائالىيەتچى: ئۇلار گرېتا تۇنبېرگنى قىيىن-قىستاققا ئالدى، زورلاپ ئىسرائىلىيە بايرىقىنى سۆيگۈزدى
تۈرك پائالىيەتچى: ئۇلار گرېتا تۇنبېرگنى قىيىن-قىستاققا ئالدى، زورلاپ ئىسرائىلىيە بايرىقىنى سۆيگۈزدى / Reuters

«يەر شارىۋى سۇمۇد فىلوتى» غا قاتناشقان بىر تۈرك پائالىيەتچى، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە قولغا چۈشۈرگەن كېمىلەردىكى پائالىيەتچىلەردىن شىۋېتسىيەلىك كىلىمات پائالىيەتچىسى گرېتا تۇنبېرگكە ئېغىر قىيىن-قىستاقلارنى قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەرسىن چەلىك نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغانلار ئارىسىدا بولۇپ، شەنبە كۈنى ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن CNN Türk قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ 22 ياشلىق تۇنبېرگنى نەزەربەند ئاستىدا قېيىن – قىستاققا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەرسىن چەلىك: «ئىسرائىلىيە قىسىملىرى كۆز ئالدىمىزدا گرېتاغا ئىنتايىن ئېغىر قىيىن-قىستاقلارنى قوللاندى... ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلدى، گرېتا تېخى كىچىككىنە بىر بالا. ئۇلار ئۇنى يەردە سۆرىدى، ئىسرائىلىيە بايرىقىنى سۆيگۈزدى. ناتسىستلار نېمە قىلغان بولسا، شۇنى قىلدى. ئۇلار ئۇنى ئاشكارا سەزايى قىلدى. ئۇنىڭ تونۇلغان شەخس بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مەقسەتلىك ھالدا نىشان قىلدى» دېدى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ھۇجۇمغا ئۇچراپ نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان پائالىيەتچىلەرنى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلان شەنبە چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇل ئايرودورومىغا قوندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئېلات شەھىرىدىكى رامون ئايرودورومىدىن ئۇچقان ئايروپىلان، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 15:50 (GMT 12:50) دە ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى.

بۇ قېتىملىق ئۇچۇشتا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فىلوتىدىكى 36 تۈركىيە ۋە 23 مالايسىيا پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 137 كىشى يېتىپ كەلدى.

تۇنبېرگنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان ياكى چىقىرىلمىغانلىقى، ياكى تېخىچە ئىسرائىلىيەنىڭ نەزەربەندى ئاستىدا ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. تۇنبېرگ ئىيۇن ئېيىدا دېڭىز ئارقىلىق غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزمەكچى بولغان، ئەمما ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان «مادلېن» ناملىق كېمىدىمۇ بار ئىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى