ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھومۇر بوغۇزى ئاسمىنىدا ئۇچۇۋاتقان MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئىران ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن بايقىلىپ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى مەسىلە ھەققىدە تېخى بايانات ئېلان قىلمىدى.
MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى 1990-يىللاردا ئامېرىكا تەرىپىدىن دەسلەپتە كۆزىتىش ۋە ئالدىنقى سەپ رازۋېدكىسىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ياسالغان. كېيىن بۇ ئاپپاراتلارغا يېڭى كامېرا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار سەپلەنگەن.





















