ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا جەم بولغان مۇنبەر ئەزالىرى، «ئاتالمىش ئەمەس، ئەمەلىي ئۇرۇش توختىتىش» ۋە «غەززەگە ئازادلىق، دۇنياغا ئەركىنلىك» دەپ يېزىلغان پىلاكاتلارنى ئېچىپ، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكاغا قارشى شۇئارلارنى توۋلىدى.
ئەنقەرە پەلەستىن ھەمكارلىق مۇنبىرى (ANFİDAP) نامىدىن بايانات ئېلان قىلغان ھاجى ئايدەمىر، 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە 74 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ 21 مىڭدىن كۆپرەكىنىڭ كىچىك بالىلار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇرۇش توختىتىش ئىجرا قىلىنغان 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردىن بۇيان بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ 1402 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئايدەمىر: «كىرىشىگە يول قويۇلغان يۈك ماشىنىلىرىنىڭ نىسبىتى 52% گە چۈشۈپ قالدى. بۇ نىسبەت مىسىر كارىدورىدا 21% گە چۈشتى. قىش يېتىپ كەلدى. نوپۇسنىڭ 94% ى جىددىي پاناھلىنىش ياردىمىگە مۇھتاج. ئۆيلەرنىڭ 65% ى ھاۋا شارائىتىغا قارشى ھېچقانداق قوغداش ئالاھىدىلىكى يوق چېدىرلاردا ياشاۋاتىدۇ» دېدى.
غەززەدە ئەمەلىي مەنىدىن بىر ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئايدەمىر، يەنە مۇنداق دېدى:
«ئۇرۇش توختىتىش خىلاپلىقلىرى دەرھال توختىتىلىشى، ئامېرىكا كاپالەتچى سۈپىتىدە ئىگە بولغان پۈتكۈل سىياسىي ئېغىرلىقىنى ئىشقا سېلىشى كېرەك. پۈتكۈل چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئۆتۈشلەرگە ئېچىلىشى، يۈك ماشىنىلىرىدىكى ياردەم ماتېرىياللىرىنىڭ چۈشۈرۈلۈش نىسبىتى 100% گە يەتكۈزۈلۈشى، سەۋەبسىز يۈك ماشىنىسى قايتۇرۇۋېتىىشلار ئاخىرلىشىشى كېرەك. سېرىق سىزىقنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئاخىرلاشتۇرۇلۇشى، دائىمىي ئىشغالىيەت رەت قىلىنىشى كېرەك.
خەلقئارالىق سوت قارارلىرىنىڭ تەقەززاسى ئىجرا قىلىنىشى ۋە جاۋابكارلىق سىياسىي سودىلىشىش تېمىسى قىلىنماسلىقى كېرەك.»






















