«2026-يىللىق ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى» (TRT World Forum 2026) دە، ئامېرىكادىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام نەتىجىلىرىنىڭ تاشقى سىياسەتكە بولغان تەسىرى، يەر شارى خاراكتېرلىك رەھبەرلىك مۇنازىرەلىرى، ئاتلانتىك ئوكيان مۇناسىۋەتلىرى شۇنداقلا ۋاشىنگتوننىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى ۋە رەقىبلىرىگە قاراتقان ئىستراتېگىيەلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
ئاندرېئا سانكې (Andrea Sanke) رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى سىياسەتلەر كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چاغرى ئەركان، خەلقئارا كىرىزىس گۇرۇپپىسى مەسلىھەتچىسى ئەلى ۋاين (Ali Wyne)، ئاتېنا لەب (AthenaLab) خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى دىيېگو سازو (Diego Sazo)، لوندون ئىقتىساد مەكتىپى ((LSE Phelan نىڭ ئامېرىكادىكى مەركىزىنىڭ مۇدىرى پېتېر ترۇبوۋىتز (Peter Trubowitz) ۋە ياۋروپا سىياسەتلىرى تەھلىل مەركىزى (CEPA) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسى شارون خۇدسون-دىن (Sharon Hudson-Dean) لار سۆز قىلدى.
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى سىياسەتلەر كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چاغرى ئەركان ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ج.د. ۋەنسنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام نەتىجىلىرىگە باھا بەرگەندە، نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ مەغلۇبىيىتىگە كۆرسەتكەن تۆت تۈپ سەۋەبتىن ئىككىسىنىڭ «ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش» ۋە «ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ب د ت سىستېمىسىنىڭ ئامېرىكا رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەركان، شۇ سەۋەبتىن سىستېمىنى ئىسلاھ قىلىشتا ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى چۈشەندۈردى. ئۇ: «تۈركىيە ئادىل ۋە تىنچ دۇنيا تەرتىپىگە تۆھپە قوشىدىغان بارلىق تەشەببۇسلارنى كۈچلۈك رەۋىشتە قوللايدۇ» دېدى.
ئامېرىكادا كەلگۈسى ئىككى يىلنىڭ كېيىنكى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەييارلىق باسقۇچى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئەركان، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئىچىدە ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام نەتىجىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنىڭ كەسكىن مۇنازىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ۋەنسنىڭ باھالىشىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ئىران سىياسىتى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ كەلگۈسى ئىككى يىلدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىچكى سىياسىي ھېسابلىرى ئاساسىدا شەكىللىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يەنە قايتىدىن «ئۇرۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش» ۋە «يېڭى ئۇرۇشلارنى قوزغىماسلىق» شوئارىغا قايتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئەركان مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ كېيىنكى ئىككى يىلى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ بۇ نەتىجىلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈمىدى بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ دەپ قارايمەن.»
«ئامېرىكا لاتىن ئامېرىكاسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ‹مەسىلىلەرگە تولغان› دەپ قارايدۇ»
ئاتېنا لەب خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى دىيېگو سازو يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆزگەرگەنلىكىنى، ئەمما ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ كونگرەدىن بەكرەك ئىچكى سىياسەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ «ئۆتكەن ئىككى يىلدا تۇتقان تاجاۋۇزكار پوزىتسىيەسى» نىڭ داۋاملىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان سازو، ئامېرىكانىڭ لاتىن ئامېرىكاسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملارنىڭ ئورنىغا، ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپرەك مەنپەئەتكە تايانغان ئۇسۇلنى تاللىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تەۋسىيە






















