يېڭى دېھلىدىكى يامۇنا دەرياسى زەھەرلىك كۆپۈك بىلەن قاپلاندى
ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
يېڭى دېھلىدىكى يامۇنا دەرياسى زەھەرلىك كۆپۈك بىلەن قاپلاندىھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېلھىدىكى مىليونلىغان ھىندۇلار مۇقەددەس ھېسابلايدىغان يامۇنا دەرياسى سانائەت ئەخلەتلىرى ھاسىل قىلغان زەھەرلىك ئاق كۆپۈك بىلەن قاپلاندى.
00:00
ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېلھىدىكى مىليونلىغان ھىندۇلار مۇقەددەس ھېسابلايدىغان يامۇنا دەرياسى / AFP
2025-يىلى3-ئاينىڭ7-كۈنى

ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېلھىدىكى مىليونلىغان ھىندۇلار مۇقەددەس ھېسابلايدىغان يامۇنا دەرياسى سانائەت ئەخلەتلىرى ھاسىل قىلغان زەھەرلىك ئاق كۆپۈك بىلەن قاپلاندى. بۇ ئەھۋال يېقىنلىشىۋاتقان دىۋالى ۋە چھاتھ پۇجا بايراملىرى ئالدىدا بۇلغىنىشنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىش ئەندىشىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ سۇ ئېھتىياجىنى تەمىنلەيدىغان بۇ دەريانىڭ بۇلغىنىشى، رايون ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئېغىر ساغلاملىق خەۋپى ياراتماقتا. ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلى (دېلھى) ھەر يىلى دۇنيادىكى مۇھىتى ئەڭ ئېغىر بولغان شەھەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بايرام مەزگىلىدە مۇھىت بۇلغىنىشى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. سەيشەنبە كۈنى ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتكۈچى (AQI)  دەرىجىسى «ئىنتايىن ناچار» بولغان 273 كە يەتتى. بۇ مىقدار دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) بەلگىلىگەن ئەڭ ناچار ھاۋا سۈپىتى كۆرسەتمىسىدىكى مىقداردىن 18 ھەسسە يۇقىرى.

PM 2.5  دەپ ئاتىلىدىغان ئىنچىكە زەررىچىلەر ئۆپكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كىرىپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ھىندۇلار يامۇنا دەرياسىدىكى دىنىي ئىبادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، ياش بىر جۈپ ئەر-ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر دەريادا دىنىي يۇيۇنۇش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزدى. 70 ياشلىق پېنسىيەگە چىققان دۆلەت خىزمەتچىسى جاسراج، 1980-يىلىدىن بۇيان بۇ دەريادا دىنىي يۇيۇنۇش قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ: «مەن دەرياغا ئانا سۈپىتىدە چوقۇنىمەن، ئۇنىڭ پاكىز ياكى بۇلغانغان بولۇشىنىڭ مەن ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. دەريانىڭ يۈز قىسمى بۇلغانغان بولسىمۇ، ئاستى چوقۇم پاكىز» دېدى.

ئوقۇغۇچى ئىمران خان دېھلىنىڭ بۇلغانغان ھاۋاسىدا نورمال نەپەس ئېلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ يەردە كىشىلەر يۈگۈرۈش قىلىدۇ، ئەمما ئۇلارمۇ نەپەسلىنىشتە قىيىنىلىۋاتىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتنىڭ تېخىمۇ پاكىز بولۇشى شەرت» دېدى. توختاملىق خىزمەتچى شىشۇپال كۇمار بولسا، كىشىلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن يىراق جايلاردىن دەرياغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «دەريا پۈتۈنلەي بۇلغىنىپ، خىمىيەلىك ماددىلار بىلەن توشۇپ كەتتى. بۇ يەر خۇددى قار ياغقان تاغلاردەكلا كۆرۈنىدۇ» دەپ بايان قىلدى.

1,376  كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يامۇنا دەرياسى ھىندۇلار ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس دەريالاردىن بىرى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيادىكى ئەڭ بۇلغانغان دەريالارنىڭمۇ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ساغلاملىققا ئىنتايىن زىيانلىق بولغان بۇ دەريانىڭ سۈيىنىڭ، يېقىنلىشىۋاتقان چھاتھ پۇجا بايرىمى مەزگىلىدە تېخىمۇ بۇلغىنىپ كېتىشى كۈتۈلمەكتە.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كېرەكسىز سۇلار، زىرائەت دورىلىرى ۋە سانائەت ئەخلەتلىرىنىڭ تۆكۈلۈشى بىلەن يامۇنا دەرياسىنىڭ بۇلغىنىشى ئىزچىل ئېشىپ بارماقتا. بۇلغىنىشنى چەكلەش توغرىسىدا قانۇنلار چىقىرىلغان ۋە ھۆكۈمەت تازىلاش قۇرۇلۇشلىرىنى قۇرغان بولۇشىغا قارىماي، بۇلغىنىش ئەھۋالى ھەل بولماي كەلمەكتە. يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىمىيەلىك كۆپۈك يوقىتىش ماددىلىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئالاقىدار ئورۇنلار زەھەرلىك كۆپۈكنى تارقىتىش ئۈچۈن موتورلۇق قولۋاقلارنى ئىشقا سالدى ۋە خەلقنى دەريا قىرغىقىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بامبۇك توسمىلارنى بەرپا قىلدى.

ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى كېلەر ئايدا مىڭلىغان ھىندۇلارنىڭ چھاتھ پۇجا بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بۇ كۆپۈكلۈك زەھەرلىك سۇلارغا تىزىغىچە كىرىپ، مۇقەددەس چۆمۈلۈش ئىبادىتىنى ئۆتكۈزۈشىدىن قاتتىق ئەنسىرىمەكتە. يېڭى دېھلى قىش ئايلىرىدا ساغلاملىق مەسىلىلىرى كۆپىيىدىغان جايغا ئايلانغان بولۇپ، 20 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسى بار بۇ شەھەرنىڭ ئاسمىنى قىش پەسلىدە زەھەرلىك تۇمانلار بىلەن قاپلىنىدۇ. بۇلغىنىش دەرىجىسى مىليونلىغان ھىندۇلارنىڭ نۇر بايرىمى بولغان دىۋالىنى تەبرىكلىشى ۋە كۆپ مىقداردا ئوت يېقىشى سەۋەبىدىن تېخىمۇ يۇقىرىلاپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، شەھەرگە يېقىن دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ ھوسۇلدىن كېيىن ئېتىزلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن ئېڭىزلىقلارنى كۆيدۈرۈشىمۇ ھاۋا بۇلغىنىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ.

ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى قىش پەسلىدىن بۇرۇن ئېڭىزلىقلارنى كۆيدۈرۈشنى چەكلەشتە يېتەرلىك تەدبىر قوللانمىغان شىمالىي ھىندىستان ئۆلكىلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئالاقىدار ئورۇنلار ھەر قىش مەزگىلىدە قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنى ۋاقىتلىق تاقايدۇ، دىزېل قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چەكلەيدۇ ۋە پايتەخت تەۋەلىكىدىكى تۇمان بىلەن ئىسنى كونترول قىلىش ئۈچۈن سۇ چېچىش ماشىنىلىرى ۋە تۇمان تاپانچىلىرىنى ئىشقا سالىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»
ترامپ ئىرانغا يېڭى ھۇجۇم قوزغاش پىلانىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇش جىددىيچىلىكى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ تىغ ئۇچىنى 14- لېيونغا قاراتتى
ئاراقچى: سۆھبەت نابۇت بولۇشتىن ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان ئىدۇق
ئامېرىكانىڭ ئىران پورتلىرىنى قورشاۋغا ئېلىش قارارىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا 175 تىن ئۇرۇش ئەسىرىنى ئالماشتۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا 32 سائەتلىك «پاسكا» ئۇرۇش توختىتىشى يولغا قويۇلدى