خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋ بىلەن كىيېۋ رايونىدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، روسىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەرىكەتلىرىگە دائىر ئۇچۇر بېرىلدى.

روسىيە ئارمىيەسىنىڭ كېچىدە كىيېۋ شەھىرى بىلەن كىيېۋ رايونىدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ھۇجۇمدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئۈچۈن زاپچاسلار، روبوت تېخنىكىسى ۋە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش سىستېمىلىرى ئامباردا ساقلىنىدىغان ھەم تارقىتىلىدىغان «MLP-Chayka»، «Trans-Logistik» شۇنداقلا «Epitsentr» ئارقا سەپ مەركەزلىرى بىلەن Novaya Pochta  تېرمىنالىغا زەربە بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، كىيېۋ رايونىدىمۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زاپچاسلىرى ئامبىرى ۋە يۆتكەش ئېلىپ بېرىلىدىغان «Terminal Brovary»، «Raben Ukraina» ھەمدە «Brovary» ناملىق ئارقا سەپ مەركەزلىرىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، ئودېسسا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا دېڭىزدا ھەربىي يۈك توشۇيدىغان 3 يۈك پاراخوتقىمۇ زەربىگە بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ھۇجۇمدا قۇرۇقلۇقتىن ئېتىلىدىغان دەل نىشانغا تەككۈزۈش قوراللىرى بىلەن ئۇزۇن مۇساپىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلىتىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىزدىنىڭ
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ