سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنى زىيارەت قىلىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى شاھزادە فەيسەل بىن فەرھان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ۋەيران قىلغۇچ ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى بۇ رايوندا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنى زىيارەت قىلىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تۇنجى قېتىم ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنى زىيارەت قىلىدۇ / AA

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھزادە فەيسەل بىن فەرھان پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلار كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئەرەب-ئىسلام مىنىستىرلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يەكشەنبە كۈنى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان راماللاھنى زىيارەت قىلىدۇ.

بىر دىپلوماتىيە مەنبەسىنىڭ فىرانسىيەنىڭ AFP ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، شاھزادە فەيسەل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان ۋە رىياد پەلەستىن دۆلىتىنى قوللاپ، پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر پەيتتە، 1967-يىلىدىن بۇيان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولىدىكەن.

مەركىزى سەئۇدى ئەرەبىستانغا جايلاشقان «ئەل ئەرەبىييە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاھزادە فەيسەل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشى ۋە ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى سەپەرۋەر قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان ئەرەب-ئىسلام مىنىستىرلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك پەلەستىن دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

بۇ زىيارەت كېلەر ئايدا نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت نىڭ پەلەستىن يىغىنىغا تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدىكەن.

فىرانسىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان رىياسەتچىلىك قىلىدىغان بۇ يىغىندا، كىرىزىسنى ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم ئارقىلىق ھەل قىلىش پىلانى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى پەلەستىننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مازىن غۇنەيم  سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەتلىك «ئەلئىخبارىييە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرىغا مىسىر، ئىيوردانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلارنىڭ ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن:

«بۇ زىيارەت ئوچۇق-ئاشكارا بىر سىگنال دەپ قارالماقتا. پەلەستىن دەۋاسى ئەرەبلەر ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەركىزىي بىر مەسىلىدۇر.»

بۇ زىيارەت ئەرەب-ئىسلام مىنىستىرلار كومىتېتىنىڭ مادرىدتا چاقىرىلغان ۋە 1967-يىلى 4-ئىيۇن كۈنىدىكى چېگرا لىنىيەلىرى ئاساس قىلىنىدىغان، شەرقىي قۇددۇس پەلەستىننىڭ پايتەختى بولغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان ئاخىرقى يىغىنىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Global outrage over Israeli plan to build new West Bank settlements

 پۈتۈن ئائىلىلەر يوق قىلىندى

 ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ «ئىنتايىن يېقىن» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى 602-كۈنىگە قەدەم قويدى. بۇ جەرياندا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 54 مىڭ 321 دىن ئېشىپ كەتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا پۈتۈن ئائىلىلەر يوق قىلىنغان بولۇپ، مىڭلىغان كىشىلەر ھازىرمۇ خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئىشلىرى مەسئۇلى توم فلېتچېر، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ئاھالىسىنى مەجبۇرىي ئاچ قويۇشىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئىكەنلىكىنى ۋە قورشاۋ ئاستىدىكى رايوندىكى پۈتۈن ئاھالىنىڭ ئاچارچىلىق خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئىشلىرى مەسئۇلى مارتىن گىرىففىتس، غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاپ: «بىز ھازىر بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق، بۇ، ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان ۋە قىلچە بەس – مۇنازىرە تەلەپ قىلمنايدىغان بىر رېئاللىقتۇر. دەرۋەقە، بۇ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر، ياردەمنى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشمۇ شۇنداق» دېدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىن ئىشلىرى ئالاھىدە دوكلاتچىسى فرانچېسكا ئالبانېسې، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسى 2024-يىلى 26-يانۋار  كۈنى ھۆكۈم چىقىرىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى ئاستىدا» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ