جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە ئېكسپورتى 11 ئايدا %30 ئاشتى»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە ئېكسپورتىنىڭ يېقىنقى 11 ئايلىق مەزگىلدە 7 مىليارد 445 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ۋە نۆۋەتتە مۇداپىئە ئېكسپورتىدا دۇنيادىكى 11-چوڭ دۆلەت ئورنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، يېقىنقى 11 ئايلىق مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە ئېكسپورتىنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %30 ئېشىپ، 7 مىليارد 445 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
شەنبە كۈنى دېڭىز سۇپىلىرىنىڭ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى، بايراقتىن كۆتۈرۈش ۋە تۇنجى پولات كېسىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «ھازىر مۇداپىئە ئېكسپورتىدا دۇنيادىكى 11-چوڭ دۆلەتمىز. يېقىنقى 11 ئايلىق مەزگىلدە مۇداپىئە ۋە ئاۋىياتسىيە ئېكسپورتىمىز ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %30 ئېشىپ، 7 مىليارد 445 مىليون دوللارغا يەتتى» دېدى.
تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى تۈرلىرىنىڭ پەقەت مەھسۇلات تەرەققىي قىلدۇرۇشنىلا نىشان قىلماستىن، بەلكى يەنە ئېكوسىستېما ۋە تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشنىمۇ مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە يولغا قويغان ھەر بىر تۈر بىلەن مەھسۇلات تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىشنى نىشانلاۋاتىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
«تىنچلىقنى، مۇستەقىللىقنى ۋە كېلەچىكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە تۈركىيەنىڭ دۇنيادا ئۆز ئۇرۇش پاراخوتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ سۇغا چۈشۈرگەن 10 دۆلەتنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «TCG-ئانادولۇنىڭ ئاكىسى بولىدىغان ئاۋىئاماتكىمىزنى قۇرۇش مۇساپىسىنىمۇ باشلىدۇق» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ۋە تور بوشلۇقىدا چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولىدىغان قوشۇمچە تۈرلەرنىڭ بىر-بىرلەپ ھاياتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى؛ تەتقىق قىلىپ ئېچىشتىن لايىھىلەشكىچە، يۇمشاق دېتالدۇن تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان بارلىق جەريانلارنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي مەنبەلەر بىلەن باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
سېلىنمىلارنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش مەقسىتىدە ئەمەسلىكىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «مەقسىتىمىز ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئەمەس، بەلكى تىنچلىقنى قوغداشتۇر» دەپ چۈشەندۈردى.