مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىراقتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىغا ئەجەللىك زەربە بەردى.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بەردى / TRT Uyghur

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ «كۈلرەڭ كاتېگورىيە» دە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئاتالمىش كاتتىباشلىرىدىن فىرات سەرىھان تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىراقنىڭ گارا رايونىدا ئېلىپ بارغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە يوقىتىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، تېررورچى سەرىھاننىڭ 2016-يىلى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتە تېررورچىلارغا بىۋاسىتە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى، شۇنداقلا ئىراقتىكى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى  رايونىدا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا ئېھتىياجىنى قاندۇرغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارشى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە گارادا تەييارلىق قىلىۋاتقان سەرىھان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى تېررورچىلار، تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە يوقىتىلغان.