خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ئاۋسترالىيە ھەربىي ئايروپىلانى بىلەن ھاۋادا يۈز بەرگەن سۈركىلىشكە «كەسكىن نارازىلىق» بىلدۈردى
ئاۋسترالىيەنىڭ بىر رازۋېدكا ئايروپىلانى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ھاۋا بوشلۇقىدا خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە قانۇنسىز ھەرىكەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
خىتاي ئاۋسترالىيە ھەربىي ئايروپىلانى بىلەن ھاۋادا يۈز بەرگەن سۈركىلىشكە «كەسكىن نارازىلىق» بىلدۈردى
Printed Chinese and Australian flags are seen in this illustration, on July 21, 2022. / Reuters Archive / Reuters

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى، ھەپتە ئاخىرىدا ئىككى دۆلەت ھەربىي ئايروپىلانلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن ھاۋا سۈركىلىشىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە «كەسكىن نارازىلىق» بىلدۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئاۋسترالىيە تەرەپ يەكشەنبە كۈنى خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ئۈستىدە چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان «پوسېيدون» رازۋېدكا ئايروپىلانىغا «خەتەرلىك دەرىجىدە» يېقىنلىشىپ، سىگنال ئېتىلدىقى ئېتىپ، ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئۇچراتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇنىڭغا قارىتا خىتاي ئارمىيەسى دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ئاۋسترالىيە ئايروپىلانىنىڭ شىشا ئاراللىرى (بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پاراسېل ئاراللىرىغا قويغان نامى) ئۈستىدىكى خىتاي ھاۋا تەۋەلىكىگە «قانۇنسىز بېسىپ كىرگەنلىكى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭغا جاۋابەن «بىر قاتار ئۈنۈملۈك قارشى تەدبىرلەر»نى قوللانغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئاسىيادىكى تالاش-تارتىشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھاۋا بوشلۇقى ۋە دېڭىز لىنىيەلىرىدە خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا بۇ خىلدىكى سۈركىلىشلەر ئىلگىرىمۇ يۈز بەرگەنىدى.

بېيجىڭ كانبېررانى قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئاۋسترالىيەنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى تەنقىد قىلىپ، بۇنىڭ «ھەق بىلەن ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، جاۋابكارلىقنى خىتايغا ئارتىشقا ۋە ئۆزىنىڭ يامان غەرەزلىك قانۇنسىز تاجاۋۇزچىلىقىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇش» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

باياناتچى جياڭ بىن توردا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق نارازى بولدۇق ۋە ئاۋسترالىيە تەرەپكە كەسكىن نارازىلىقىمىزنى يەتكۈزدۇق» دېدى.

جياڭ كانبېررانىڭ مەزكۇر ھاۋا ۋەقەسىدە خىتاينى خەتەرلىك ھەرىكەتلەر بىلەن «پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئەيىبلىگەنلىكى»نى بىلدۈرۈپ: «بۇ ئەيىبلەش پۈتۈنلەي توقۇلما. بىز ئاۋسترالىيەنى تاجاۋۇزچىلىق، قۇتراتقۇلۇق ۋە ۋەقەنى چوڭايتىۋېتىش ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ «دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قەتئىي قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى داۋاملىق قوللىنىدىغانلىقى»نى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى
بەشىكتاش كوماندىسى ياۋروپادا كۈچلۈكلۈكىنى نامايان قىلدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى