ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا «سىممېترىك» جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق قورال – ياراغلارنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا «سىممېترىك» جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
/ Reuters

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي كىيېۋنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتكەنلىكىنى ھەمدە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا «سىممېترىكت <تەڭپۇڭ>» شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زېلېنسكىي سەيشەنبە كۈنى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي دائىرىلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن كېڭەيتىلگەن يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ يەرلىك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى  ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق قورال – ياراغلارنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:  «كۈنتەرتىپىمىزدە ھەرىكەتلىرىمىزنى پىلانلاش، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش باردۇر.»

 پىرېزىدېنت  زېلېنسكىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن يېڭى كېلىشىم لايىھەلىرىنىڭ تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ كېلىشىملەردىن مەقسەتنىڭ ئاساسلىقى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى سىستېمىلىرى ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق قورال – ياراغلارنى ئۇكرائىنادا ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن مەبلەغ جەلپ قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ نىشانىمىز رۇسىيەنىڭ بارلىق تەھدىتلىرىگە تەڭپۇڭ شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇشتۇر.

دەرۋەقە، رۇسىيەدىكىلەر ئۇكرائىنادا سادىر قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ تەمىنى تېتىشى كېرەك. راستىنى ئېيتقاندا، چوقۇم تېتىيدۇ.»

 رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا تاقابىل تۇردى

 رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۈچ سائەت ئىچىدە كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي رايونلاردا بولۇپ، ئۇكرائىنانىڭ جەمئىي  112 دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ياكى بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

موسكۋا شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبيانىن ئۇكرائىنانىڭ 6 دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ رۇسىيەنىڭ پايتەختىگە قاراپ كېتىۋاتقاندا پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى، قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ يەردىكى پارچىلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە يەنە، يېقىنقى كۈنلەردىكى ئۇكرائىناغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ۋە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھۇجۇملىرىغا «جاۋاب» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە كىيېۋنى تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىغا «توسقۇنلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى.

كىيېۋ ۋە غەرب ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ 30 كۈنلۈك شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپلىرىنى رەت قىلغان موسكۋا، جۈمە كېچىسىدىن دۈشەنبە ئەتىگەنگىچە يۈزلىگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى
كىيېۋ يېڭى راكېتا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقىياسىدىكى ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى ئۆلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ «كېيىنكى ئۇچۇرغىچە» تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تورونتو كوچا فېستىۋالى يېقىنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلۈپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى
سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى بىر يېشىنى تولدۇردى
ئىسپانىيە بېلگىيەنى مەغلۇب قىلدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭدىن ئاشتى
كىيېۋ پۇقرالىرى پارتلاش ئاۋازى بىلەن ئويغاندى