غەززە ئۇرۇشى
3 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۆت ئەزاسى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش پىلانىنى ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئىسرائىلىيەنىڭ قارارىنى «خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» دەپ ئاتىغان بولسا، خىتاي، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەمۇ بۇ پىلانغا كۈچلۈك قارشى چىقتى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۆت ئەزاسى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش پىلانىنى ئەيىبلىدى
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۆت ئەزاسى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش پىلانىنى ئەيىبلىدى / AP
2025-يىلى8-ئاينىڭ11-كۈنى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىنىڭ تۆتى جىددىي يىغىندا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئىشغال قىلىش پىلانىنى ئەيىبلىدى. پەقەت ئامېرىكالا ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكىتىنى قوللىدى.

يەكشەنبە كۈنى رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ غەززەنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىش ۋە پەلەستىنلىكلەرنى شىمالدىن جەنۇبقا كۆچۈرۈش پىلانىنى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش كابىنېتىنىڭ تەستىقلىشىغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى.

رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن دائىمىي ۋەكىلى دمىترىي پولىيانسكىي بۇ قارارنى «خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش» دەپ ئاتاپ، بۇنىڭ «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئوچۇق-ئاشكارا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىدېئون سائرنى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلەپ، سائرنىڭ ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تۇتقۇنلار ئۈچۈن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەندە كابىنېت قارارىنى بىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاينىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى فۇ سوڭ ئىسرائىلىيەنى «بۇ خەتەرلىك قەدەمدىن دەرھال ۋاز كېچىشكە» چاقىرىپ: «غەززە پەلەستىن خەلقىگە تەۋە. ئۇ پەلەستىن زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر» دېدى.

فۇ سوڭ: «دېموگرافىيەلىك ۋە زېمىن قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشتەك ھەرقانداق ھەرىكەت ئەڭ كۈچلۈك رەت قىلىنىشى ۋە قارشىلىققا ئۇچرىشى كېرەك» دېدى.

خىتاي «ھەربىي ئۈستۈنلۈك خام خىيالى» دىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى، چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىشى ۋە ياردەم چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Israel's Smotrich says 'lost faith' in Netanyahu's Gaza vision, favours more brutal approach

 

ئىسرائىلىيەنىڭ پىلانى كرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەس

 

ئەنگلىيەنىڭ مۇئاۋىن دائىمىي ۋەكىلى جېيمىس كاريۇك بۇ قارارنى «خاتا» دەپ ئاتاپ: «ھەربىي ھەرىكەتلەرنى كېڭەيتىش بۇ توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ھېچقانداق پايدىسى يوق. گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدۇ» دېدى.

كاريۇك ئىسرائىلىيەنىڭ پىلانىنىڭ كرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە قان تۆكۈلۈشنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئىسرائىلىيەنى غەززەگە ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە قارىتىلغان قامالنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

فىرانسىيەنىڭ مۇئاۋىن دائىمىي ۋەكىلى جاي دارمازىكارى ئىسرائىلىيەنى بۇ قاراردىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىپ، فىرانسىيەنىڭ «غەززەنىڭ ئىشغال قىلىنىشى، ئۆزىگە قوشۇۋېلىنىشى ۋە ئولتۇراق رايون پىلانلىرىغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى» بىلدۈردى.

جاي دارمازىكارى: «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى يولغا قويۇش، ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھېچقانداق تۆھپە قوشمايدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Israel’s decision to occupy Gaza is 'absolutely unacceptable': Erdogan

 

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا

 

بۇنىڭغا قارىتا، ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللىكىنىڭ ۋاقىتلىق ئىش بېجىرگۈچىسى دوروتى شى ئىسرائىلىيەنىڭ «ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى» ئاقلىدى.

شى رايوندىكى مەسىلىلەرگە ھاماسنىڭ «كېلىشمەسلىكىنى» سەۋەب قىلىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ «ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى. ئەمما، ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن دوكلاتلار نېتانياھۇنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىملىرىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش كابىنېتى جۈمە كۈنى نېتانياھۇنىڭ غەززەنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىش ۋە پەلەستىنلىكلەرنى شىمالدىن جەنۇبقا كۆچۈرۈش توغرىسىدىكى «باسقۇچلۇق پىلانى» نى تەستىقلىدى.

ئىسرائىلىيە قورشاۋدىكى غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ، 61 مىڭ 400 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى WAFA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەخمىنەن 11 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر، ھەقىقىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ غەززە دائىرىلىرى دوكلات قىلغاندىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، تەخمىنەن 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋامىدا قورشاۋدىكى رايوننىڭ زور بىر قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، پۈتكۈل نوپۇسنى دېگۈدەك ئۆي-ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن نويابىردا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغانىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە بۇ رايونغا قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا دۇچ كەلمەكتە.

 

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
غەززەدىكى ئاياللار ۋە قىزلار ئەڭ ۋەيران قىلغۇچ ئىنسانىي تراگېدىيەلەرنىڭ بىرىنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيە ئىران ھۇجۇملىرىدىن كېيىن رەفاھنى تاقىدى، غەززە قايتىدىن تولۇق يېتىم قالدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۇجۇملىرىدا ئىككى پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى
ئامېرىكا ئەلچىسى ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقنى ئىشغال قىلىشىنى قوللىدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا غەززەدە يەنە ئاز دېگەندە 12 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىككى پەلەستىنلىك كىچىك بالىنىئىسرائىل غەززەدە ئىككى پەلەستىنلىك بالىنى ئۆلتۈردى
تۈركىيە ۋە باشقا يەتتە دۆلەت ترامپنىڭ «تىنچلىق كېڭىشى» تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر 4 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى
ئىسرائىلىيە ترامپنىڭ غەززە ھەيئىتى تەركىبىگە ئېتىراز بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، غەززەدە ئۈچ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: غەززەدە  يامغۇر سەۋەبىدىن، ئۆتكەن 24 سائەتتە ئاز دېگەندە 10 كىشى قازا قىلدى
ھاماس: «غەززەدە ئىشغالىيەت ئاخىرلاشسا، قورال تاشلاشقا تەييارمىز» دېدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
ب د ت: «غەززەدە 5 ياشتىن تۆۋەن تەخمىنەن 9300 بالا ئېغىر دەرىجىدە ئاچارچىلىقتا»
غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى: «ئىسرائىلىيە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلماقتا»
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قانۇنغا  قىلمىشلىرى ھەققىدە  ئاگاھلاندۇردى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 10 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى