سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ پۇتىندىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئېيتتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ كرېمىل سارىيى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، پۇتىندىن «ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى» نى ئېيتتى.
ترامپ پۇتىندىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئېيتتى
ترامپ رۇسىيەنىڭ جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتتى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىش پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقى سەۋەبىدىن پۇتىندىن «ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

ترامپ سەيشەنبە كۈنى (2-سېنتەبىر) سكوت جېننىڭس رادىيو پروگراممىسى (Scott Jennings Radio Show) دا: «مەن ئۇنىڭدىن (پۇتىندىن) ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندىم. بىز ھەر دائىم ياخشى مۇناسىۋەتتە ئىدۇق، مەن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندىم» دېدى.

ترامپ بۇ سۆزلەرنى ئاۋغۇست ئېيىدىكى ئىككى رەھبەر بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئېيتقان بولدى. ئۇ ئاۋال 15-ئاۋغۇست ئالياسكادا پۇتىن بىلەن، ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە ئاقسارايدا زېلېنسكىي ۋە ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

ترامپ ئەينى ۋاقىتتا پۇتىن بىلەن زېلېنسكىينىڭ كۆرۈشىدىغانلىقىنى، بۇ كۆرۈشۈشنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ تەرەپلىك يىغىنغا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

بىراق، كرېمىل سارىيى بۇنى كىچىكلىتىشكە ئۇرۇندى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ چارشەنبە كۈنى (3-سېنتەبىر) سۆھبەتنىڭ پەقەت «يېڭى تېررىتورىيەلىك رېئاللىق» ئېتىراپ قىلىنغان ۋە قانۇنىي جەھەتتىن رەسمىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىنلا داۋاملىشالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

لاۋروۋ يەنە، ھەر قانداق بىر كېلىشىمنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن بىخەتەرلىك كاپالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى ۋە ئۇكرائىنانىڭ «بېتەرەپ، بىر تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغان ۋە يادرو قورالى بولمىغان سالاھىيىتى» نى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ كۆرۈشۈش ئەمەلگە ئاشمىغان ئەھۋالدا رۇسىيەنىڭ جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئاقسارايدىكى ئوۋال ئىشخانىسىدا مۇنداق دېدى:

«ھەئە، (ئېمبارگولار) شۇنداق بولىدۇ. قېنى، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرەيلى. ئۇلارنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ۋە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرەيلى. مەن بۇنى ناھايىتى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمەن.»

ئۇ ئىلگىرى ئىلگىرىلەش بولمىسا، موسكۋانىڭ «زور ئىقتىسادىي جازاغا ياكى زور تاموژنا باجلىرىغا ۋە ياكى ھەر ئىككىلىسىگە» دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت (Scott Bessent ) دۈشەنبە كۈنى (2-سېنتەبىر): «بارلىق تاللاش يوللىرى بار» دېدى ۋە پۇتىننى ئالياسكا باشلىقلار يىغىنىدىن بۇيان ھۇجۇملارنى كۈچەيتكەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلىدى.

ئۇ فوكس خەۋەرلىرى (Fox News) قانىلىغا: «پىرېزىدېنت پۇتىن... پەسكەشلەرچە بومباردىماننى كۈچەيتتى. پىرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق تاللاش يوللىرى ئۈستەلدە تەييار، بىز بۇ ھەپتە ئۇلارنى ئىنچىكە كۆزدىن كەچۈرىمىز» دېدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي موسكۋانى يىغىنغا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىسە، رۇسىيە كۈنتەرتىپىنىڭ تەييار ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

لاۋروۋ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلىقلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئالاقىدە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - What's next for Ukraine? Trump and Putin leave the world guessing

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار