سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا يېڭى بىر قېتىملىق سۆھبەت ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا
داۋاملىشىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە موسكۋانىڭ ئۇكرائىنادىكى زېمىن ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ھەققىدىكى تەلىپىگە قارىماي، دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار داۋاملاشماقتا.
رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا يېڭى بىر قېتىملىق سۆھبەت ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا
/ Reuters

رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى «رىئا» نىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك داۋاملىشىۋاتقان جىددىي ۋەزىيەتنىڭ كۈلەڭگىسىدە، كېيىنكى قېتىملىق ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنى ماسلاشتۇرۇش باسقۇچىدا ئىكەن.

زاخاروۋا «رىئا» خەۋەر ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، كىيېۋ ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنى مۇرەسسە قىلىش ئېھتىماللىقىنى رەت قىلغانلىقىنى، شۇڭا، دىپلوماتىك ئىلگىرىلەش ئۈمىدىنىڭ يەنىلا مۈجمەل ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان.

رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھۇجۇملىرىدىن پەخەس بولۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ھاۋا ھۇجۇمى سىگنالى چالدى. ھەربىي دائىرىلەر كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىنى دەرھال قايتۇرۇش ئۈچۈن ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كىيېۋ شەھەرلىك ھەربىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى تىمۇر تكاچېنكو «تېلېگرام» ئالاقە دېتالىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «كىيېۋدا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئىشقا كىرىشتى! ھاۋا ھۇجۇمى ئاگاھلاندۇرۇشى ئاخىرلاشقۇچە پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار!» دېدى.

رۇسىيە كەلگۈسىدىكى ئۇكرائىنا سۆھبەتلىرىنى زېمىن ئۈستۈنلۈكىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى شەرتىگە باغلىدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئىلگىرى موسكۋانىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى، ئەمما «يېڭى زېمىن رېئاللىقى»نىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە يېڭى بىخەتەرلىك كاپالەت سىستېمىلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، لاۋروۋ ھىندونېزىيەنىڭ «كومپاس گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «تىنچلىقنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇشى ئۈچۈن، يېڭى چېگرا رېئاللىقى... ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى كېرەك» دېگەن.

لاۋروۋ: «رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئۈچۈن يېڭى بىر بىخەتەرلىك كاپالەت سىستېمىسى ياۋروئاسىيادىكى باراۋەر ۋە بۆلۈنمەس بىخەتەرلىكنىڭ قىتئەلەر ئارا قۇرۇلمىسىنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە بەرپا قىلىنىشى كېرەك» دېگەن.

ئۇ موسكۋانىڭ ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇشىغا قارشى تۇرۇشتەك مەيدانىنى ۋاسىتىلىك ھالدا ئىپادىلەپ: «ئۇكرائىنانىڭ بىتەرەپ، ھېچقانداق گۇرۇھقا تەۋە بولمىغان ۋە يادروسىز دۆلەتلىك ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك» دېدى.

ئۇكرائىنا كىيېۋنىڭ قايسى ئىتتىپاقلارغا قاتنىشىپ-قاتناشمايدىغانلىقىنى رۇسىيەنىڭ بەلگىلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، ناتو رۇسىيەنىڭ 1949-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىتىگە قارشى قۇرۇلغان بۇ ئىتتىپاققا ئەزا بولۇش ئىشىدا ۋېتو ھوقۇقىغا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالياسكادا پۇتىن بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزگەن، ئارقىدىن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى دائىرىسىدە ئاقسارايدا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىي ۋە ياۋروپا ھەمدە ناتونىڭ مۇھىم رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى رۇسىيە رەھبىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن «قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى»نى ئېلان قىلدى.

ترامپ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدىن كېيىن زېلېنىسكىي بىلەن پۇتىننىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىنى كۈتكەنىدى.

زېلېنىسكىي رۇسىيەنىڭ بۇ ئۇچرىشىشقا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسا، رۇسىيە بۇنداق بىر ئۇچرىشىشنىڭ كۈنتەرتىپىنىڭ تېخى تەييار ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

شۇنداقتىمۇ، لاۋروۋ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئالاقىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى