ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ تەجرىبىسى 2024-يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسىدىن قەتئىينەزەر، خەۋپ ئاستىدا. قىيىنچىلىقلار بۇ سايلام ياكى غەلىبە قىلىدىغان نامزاتنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى.
ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۇنجى ئىككى سۆزى «بىز خەلقتۇر («We the people»). ئامېرىكانىڭ ئاساسىي قانۇنىنى تۈزگۈچىلەر 1787-يىلى ھۆججەتنى تۇنجى قېتىم لايىھەلەشتۈرگەندە، بەك كۆپ ئۈمىد ۋەدە قىلغانىدى. لايىھە تەييارلانغاندا، دۇنيادىكى ھېچقانداق دۆلەتتە دېموكراتىيە يوق ئىدى.
پادىشاھلىقلار، مونارخىيەلەر ياكى خەلق ئارىلاشمايدىغان باشقۇرۇش شەكىللىرى ھۆكۈمران ئىدى. ئامېرىكالىق تارىخچى جېيمس مەكگرېگور بۇرنسنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا خەلق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تەجرىبىسى ئىدى.
بۇنىڭدىن سىرت، فىلادېلفىيەدىكى مۇستەقىللىق زالىدىن چىققان بېنجامىن فرانكلىندىن قۇرغۇچىلارنىڭ قانداق بىر دۆلەت ياراتقانلىقى سورالغاندا، رىۋايەتلەرگە قارىغاندا «ئەگەر قوغداپ قالالىساڭلار، بىر جۇمھۇرىيەت» دەپ توۋلىغانىكەن. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى قۇرغۇچىلىرىدىن جون جېي «دۆلەتنى، دۆلەتكە ئىگە بولغانلار باشقۇرۇشى كېرەك» دېگەنىدى. فىرانكلىن ۋە جېي ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ ئىككى يۈزلۈكىنى ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەپ بەرگەنىدى.
«خەلق» كىم؟ ئاساسىي قانۇندىكى «بىز خەلق» ئىبارىسى سىغدۇرۇشچان ئەمەس ئىدى. رامكىنى تەييارلىغۇچىلار قۇل ئىگىلىرى، سودىگەرلەر ۋە يەر خوجىدارلار ئىدى. ئۇلار خەلقكە ئانچە ۋەكىللىك قىلىپ كەتمەيتتى. ئۇلار تەييارلىغان ھۆججەت قۇللۇققا يول قوياتتى ۋە قۇللارنى «بەشتە ئۈچ ئىنسان» دەپ قارايتتى. ئاياللار ئىنتايىن ئاز ھوقۇققا ئىگە ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرالار ئىدى. ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى دېگەن نەرسە يوق ئىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتىنى سايلام كوللېگىيەسى سايلايتتى.
بىراق، سابىق ئالىي سوت سوتچىسى سۇرگۇد مارشالنىڭ دېيىشىچە، نۇقسانلىق دېموكراتىيەلەر ۋاقىت ئۆتكەنسېرى تەرەققىي قىلدى. «بىز خەلق» ۋەدىسىنىڭ تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولۇشى ئۈچۈن 27 قېتىملىق ئاساسىي قانۇن ئۆزگەرتىشى، بىر قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇش ۋە پۇقرالار ھوقۇقى ھەرىكىتى كېرەك بولدى، ئەمما يەنىلا تولۇق ئەمەلگە ئاشمىدى.
خەلقئارالىق ئورتاق تونۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى: ئامېرىكا دېموكراتىيەسىدە قايىل بولغۇدەك نۇرغۇن نەرسە بار. ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئىنتايىن زور باياشاتلىق ۋە شەخسىي ئەركىنلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ، تاللاش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى بىلىش تۇيغۇسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كۆچمەنلەرنى جەلپ قىلىدۇ.
ئامېرىكا دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيەنىڭ ماياكى بولۇپ كەلدى. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلى ۋە بۈگۈنگىچە ئەركىنلىكنىڭ يېتەكچىسى ۋە قائىدىگە ئاساسلانغان خەلقئارالىق تەرتىپنىڭ كاپالەتچىسى بولۇپ كەلدى. 1989-يىلى بېرلىن تېمىنىڭ يىقىلىشى ۋە 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېيىن ئامېرىكا، ھېچ بولمىغاندا ۋاقىتلىق، ھايات قالغان بىردىنبىر يۈكسەك كۈچكە ئايلاندى. ئەمما ھازىر، 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، دۇنيادا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.
ئەمدى بەزىلەر ئامېرىكانى بۇرۇنقىدەك ھۆكۈمران كۈچ ئەمەس، ھەتتا چېكىنىۋاتىدۇ ياكى ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. شۇڭا بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، خەلقئارالىق مۇھىت ئامېرىكا دېموكراتىيەسىگە خىرىس قىلماقتا. سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن بىللە ئامېرىكانى ئون يىللاردىن بۇيان بىرلەشتۈرۈپ تۇرغان سىياسىي پىكىر بىرلىكى پارچىلاندى.
يېقىنلىشىۋاتقان سىناق: بەزىلەر ئۈچۈن ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ نۇقسانلىرى شەخسىي مەسىلە. دېموكراتىيەنىڭ كەلگۈسى بۇ يىل سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ياكى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامالا خاررىسنىڭ سايلىنىشىغا باغلىق ھالدا نامەلۇملىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئەمما ۋەزىيەت نامزاتلارنىڭ شەخسىيىتىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى. ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى زور بولۇپ، شەخسلەردىن بۇرۇنقى مەزگىلگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئامېرىكا تارىخى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنىڭ تەدرىجىي كېڭىيىشىنىڭ ھېكايىسى بولسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ، شەخسلەرنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان قارشى مايىللىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
دېموكراتىيەنىڭ بىر كۆرسەتكۈچى بولغان ئومۇميۈزلۈك ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى ئامېرىكادا كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە كىمنىڭ ئاۋاز بېرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا چوڭ پارتىيەۋى بۆلۈنۈش بار. دۇنيادا ئاساسىي قانۇنىدا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بولمىغان ۋە خەلقنىڭ پىرېزىدېنتنى بىۋاسىتە سايلاش ھوقۇقى بولمىغان بىردىنبىر دېموكراتىك دۆلەت ئامېرىكادۇر.
خۇسۇسىي پۇل (private money) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سىياسىي مۇساپىسىنى بۇزدى. بىز ھازىر ئەلرايى تەكشۈرۈشلىرى نۇرغۇن مەسىلىلەردە كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئوخشىماسلىقى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، سىياسىي جەھەتتىن قۇتۇپلاشقان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ھازىرقى ئامېرىكا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە باي بىلەن نامرات ئوتتۇرىسىدىكى بايلىق ۋە كىرىم بوشلۇقىنىڭ ئىزتىراپىنى تارتماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىرقىي ئايرىمىچىلىقمۇ مەۋجۇت. كۆپىيىش ھوقۇقى مەسىلىسىدىكى كۈرەش، جەمئىيەتتىكى ئايال-ئەرلەر ئايرىمىچىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئايرىم ۋە باراۋەر بولمىغان ئىككى دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ئابراھام لىنكولننىڭ بىر زامانلاردا دېگىنىدەك، «ئۆز-ئۆزىدىن بۆلۈنگەن ئۆي مەڭگۈ تىك تۇرالمايدۇ».
ئامېرىكا، 18-ئەسىردىكى ئات ھارۋىسى دەۋرىدە يېزىلغان دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئاساسىي قانۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇ بۇنى 21-ئەسىرنىڭ كومپيۇتېر ۋە سۈنئىي ئەقىل دۇنياسىغا ماسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.
بۇ ئاساسىي قانۇن ئامېرىكانىڭ بۈگۈن دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن. ئامېرىكا پېلىشقانسېرى، دۇنيا مىقياسىدىكى دېموكراتىيەمۇ پېلىشماقتا.
«فرىدوم خاۋس (ئەركىنلىك سارىيى)» ناملىق پۇقرالار تەشكىلاتى، 1970-يىللاردىن 2000-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا دېموكراتىيە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كېڭەيگەندىن كېيىن، ئامېرىكا تەجرىبىسىنىڭ ئەمدى دۇنيا مىقياسىدا چېكىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. دېموكراتىيە دۇنياۋى تەجرىبىنىڭ بىر قىسمى. ئەگەر ئامېرىكادا مەغلۇپ بولسا، دۇنيا مىقياسىدىمۇ مەغلۇپ بولىدۇ.
ئامېرىكانى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مەسىلىلەرنى ئوڭشاش مۈشكۈل بىر ئىش. 2024-يىلىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسىنىڭ بۇنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقى تېخى نامەلۇم.



















