غەززە ئۇرۇشى
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكالىق پېشقەدەم جەڭچى، كېڭەش پالاتاسى يىغىنىنى بۆلۈپ، غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلىدى
پېنسىيەگە چىققان پودپولكوۋنىك ئانتونىي ئاگۇئىلار ئامېرىكا مەبلەغ سالغان غەززە ياردەم ھەرىكەتلىرىگە دائىر مۇھىم ئاشكارىلاشلاردا بولدى، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ ياردەم تارقىتىش نۇقتىلىرىدا ئاچارچىلىقتا قىينىلىۋاتقان پۇقرالارغا ئوق چىقارغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكالىق پېشقەدەم جەڭچى، كېڭەش پالاتاسى يىغىنىنى بۆلۈپ، غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلىدى
ئامېرىلىق پېشقەدەم جەڭچى، كېڭەش پالاتاسى يىغىنىنى بۆلۈپ، غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلىدى / AP

غەززەدىكى ياردەم تارقىتىش نۇقتىلىرىدا يۈز بەرگەن ئىسرائىلىيە زۇلۇملىرىنى ئاشكارىلىغان ئامېرىكىلىق پېنسىيەگە چىققان ئوفىتسېر، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇش بىلەن ئەيىبلەپ يىغىننى بۆلگەنلىكى ئۈچۈن كېڭەش پالاتاسى يىغىنىدىن مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىلدى.

يېشىل بەرەلىك (ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ ئەزاسى) پودپولكوۋنىك ئانتونىي ئاگۇئىلار ۋە سابىق ئامېرىكا ئىستىخبارات ئوفىتسېرى كاپىتان جوزېفىن گۇئىلبو، ۋاشىنگتوندىكى كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ تەستىقلاش يىغىنى جەريانىدا ئورنىدىن تۇرۇپ، غەززەگە قارشى ئۇرۇشقا قارشى چىقىشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ئىككەيلەن كېڭەش ساقچىلىرى تەرىپىدىن زالدىن چىقىرىۋېتىلدى.

ئاگۇئىلار، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە ئامېرىكا قوللىغان تالاش-تارتىشلىق بىر تەشكىلات بولغان غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى (GHF) ھەققىدە مۇھىم پاش قىلىشلاردا بولغاندىن كېيىن پەلەستىن ھەق ھوقۇقىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى قوغدىغۇچىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى.

ئاگۇئىلار تاراتقۇلاردا، ئۆزى بىۋاسىتە شاھىت بولغانلىقىنى ئېيتقان ناچار مۇئامىلىلەرنى، جۈملىدىن ئاچلىقتىن ئۆلۈش ئالدىدىكى ئامىر ئىسىملىك بىر بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ي پودپولكوۋنىك ئانتونىي ئاگۇئىلار ئامىرنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەۋاتقاندا: «غەززەدىكى ۋەزىپەمدىن كېيىن پەلەستىن ھەق - ھوقۇقىنى قوغدايدىغان بىر پائالىيەتچىگە ئايلاندىم. دۇنيانىڭ بولۇۋاتقان ئىشلارنى بىلىشى ئۈچۈن سۆزلەۋاتىمەن» دېدى.

«لايىھەلەنگەن ئۆلۈم قاپقانلىرى»

ئاگۇئىلار، ياردەم تارقىتىش نۇقتىلىرىنىڭ «لايىھەلەنگەن ئۆلۈم قاپقانلىرى» ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان 2024-يىلى مايغىچەياردەم تارقىتىش نۇقتىسى GHF نىڭ ھۆددىگەرلىكىدىكى UG Solutions بىلەن بىللە خىزمەت قىلغا ئىدى. ئۇ ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ، ياردەم خادىملىرى دەپ ئاتالغانلارغا، چارىسىز پۇقرالارنى يېمەكلىكلەر بىلەن يىغىلىش نۇقتىلىرىغا جەلپ قىلىپ، ئاندىن كىشىلەر توپى تارقىلىۋاتقاندا ھەقىقىي ئوق، ياش ئاققۇزۇش گازى ۋە مىناميوت بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

28 - مايدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى بايان قىلغان ئاگۇئىلار؛ يالىڭاچ، ئورۇقلاپ كەتكەن ۋە كىچىك بىر خالتا گۈرۈچ، يېسىمۇق ۋە ئۇن كۆتۈرگەن ئامىر ئىسىملىك بىر بالىنىڭ ئۆزىگە ئىنگلىزچە رەھمەت ئېيتىپ ئائىلىسىگە قاراپ ماڭغانلىقىنى ئېيتقان. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ كىشىلەر توپىغا ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاگۇئىلار: «ئامىر قوللىرىنى يۈزۈمگە قويۇپ، مېنى سۆيۈپ ‹رەھمەت› دېدى. ئاندىن باشقىلار بىلەن بىللە ئوققا تۇتۇلدى. ئامىر شۇ كۈنى ئۆلتۈرۈلدى» دېدى.

ئامېرىكالىق ئوبزورچى تاكېر كارلسونغىمۇ سۆز قىلغان ئاگۇئىلار: «بۇ كىچىك بالا جەڭچى ئەمەس ئىدى. ئۇ يالىڭاچ ئىدى، ئاچلىقتىن قىينىلىۋاتاتتى. ئاندىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى» دېدى.

ئاگۇئىلار، ئىسرائىلىيە ئالاقە ئوفىتسېرلىرىنىڭ ھەرىكەتلەرنى بىۋاسىتە باشقۇرغانلىقىنى، ھەتتا بېسىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن توسۇقلارغا ياماشقان بالىلارغا ئوق چىقىرىش ئۈچۈن مەخپىي ئوقچىلارغا بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. «بۇ ماڭا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ئېيتىلدى: ‹بىزنىڭ خېرىدارىمىز ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى› دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Israeli army killed starving Gaza child post-aid collection at GHF 'death trap' — US whistleblower

كېڭەش پالاتاسىدىكى نامايىش

ئاگۇئىلارنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى ھەرىكىتى، ئايلاردىن بۇيان غەززەدىكى ياردەم سىستېمىسىنى «ئاچارچىلىق ئويۇنلىرى» غا ئوخشاتقان سۆھبەت ۋە پودكاستلىرىدىن كېيىن يۈز بەردى.

لكوۋنىك ئانتونىي ئاگۇئىلار ئاچلىقتىن ئۆلۈش ئالدىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ، كۆپىنچە يالىڭاچ ھالدا، ياردەم نۇقتىلىرىغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن 12 كىلومېتىرغىچە يۈگۈرۈشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى، ئۇ يەرگە بارغاندا بولسا «قالايمىقان ئېچىلغان ئوق» ۋە خىمىيەلىك ياش ئاققۇزۇش بومبىسى قاتارلىق كىشىلەر توپىنى كونترول قىلىش قوراللىرىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاگۇئىلار: «ئۇلار ئىنگلىزچە بىلمەيدۇ. قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ۋە بىز تەرجىمانلار ياكى ياڭراتقۇلارنىڭ ئورنىغا قورال ئىشلەتتۇق» دېدى. سەيشەنبە كۈنى كېڭەش پالاتاسى يىغىنىدا ئورنىدىن تۇرۇپ ئامېرىكالىق ئەمەلدارلارنىڭ جىنايەتكە شېرىك ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئاگۇئىلار، زالدىن چىقىرىۋېتىلىشتىن ئىلگىرى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا خىتاب قىلىپ: «مەن ئاساسىي قانۇننى چەت ئەل ۋە دۆلەت ئىچىدىكى دۈشمەنلەرگە قارشى قوغداشقا قەسەم قىلغان ئىدىم» دېدى ۋە «ھازىر بۇ ئورگان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

ئاگۇئىلارنىڭ پاش قىلىشى، ئىلغار پىكىردىكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېرنىي ساندېرس، ئۇنى «ئامېرىكا باج تاپشۇرغۇچىلىرىنىڭ پۇلى بىلەن سادىر قىلىنغان زۇلۇملارنى ئاشكارىلىغان مېداللىق بىر پېشقەدەم جەڭچى» دەپ تەرىپلەپ ماختىدى. ساندېرس، ئاگۇئىلارنىڭ ئىپادىسىنىڭ بىر ۋىدېئوسىنى ھەمبەھىرلەپ، بۇنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم نىقابى ئاستىدا سادىر قىلىنغان «ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ دەلىلى» دەپ سۈپەتلىدى.

ئاگۇئىلار بولسا سىياسىي بىر مەقسىتى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ، «مەن سايلام نامزاتى ئەمەس. كىتاب ساتمايمەن. ھەتتا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىممۇ يوق» دېدى. «مەن 25 يىللىق بىر پېشقەدەم ئارمىيە جەڭچىسى. بۇ دۆلەت ئۈچۈن قان تۆكتۈم. مەن ئۇ يەردە ئىدىم. ئامىرنىڭ قولىنى تۇتتۇم. ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى