خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان ئارمىيەسى: بەلۇجىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىندى
پاكىستان ئارمىيەسى بەلۇجىستان ئۆلكىسىدىكى ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، بىر خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستان ئارمىيەسى: بەلۇجىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىندى
(ئارخىپ) پاكىستان ئارمىيەسى: «بېلۇجىستاندىكى ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇر بىتەرەپ قىلىندى»

پاكىستان قىسىملىرى ئاممىۋى مۇناسىۋەت بۆلۈمى (ISPR) نىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئىستىخبارات ئۇچۇرىغا ئاساسەن، ئۆلكىگە قاراشلىق گۋادار ۋە قەلات رايونلىرىدا ئىككى ئايرىم ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، قەلاتتا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە، ھىندىستان قوللاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 4 قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، كۆپ ساندا قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورانىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىقى قەيت قىلىندى.

گۋادار رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا بولسا، قولدا ياسالغان پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىدىن بىر ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئارمىيەنىڭ بەلۇجىستاندىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

پاكىستاندىكى تېررورىزم مەسىلىسى

پاكىستاندىكى قوراللىق ھۇجۇملار، بولۇپمۇ ئافغانىستانغا چېگرىداش بولغان خەيبەر-پاختونخۋا ۋە بەلۇجىستان ئۆلكىلىرىدە ئەۋج ئالماقتا.

ھەر ئىككى ئۆلكىدە پەشتۇن ۋە بەلۇج مىللەتلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان قوراللىق گۇرۇھلار، پاكىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە پۇقرالارنى نىشان قىلغان ھۇجۇملارنى سادىر قىلماقتا.

ئىسلامئاباد دائىرىلىرى پاكىستان تالىبانلىرى (TTP) نىڭ ئافغانىستاندا لاگېر قۇرغانلىقىنى ۋە ھۇجۇملىرىنى شۇ يەردىن تەشكىللەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.

بەلۇجىستاندا بولسا «بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» (BLA) نىڭ ھۇجۇملىرى كۆزگە چېلىقماقتا. «بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» نىڭ بەلۇجىستاننىڭ پاكىستاندىن ئايرىلىپ چىقىشىنى ۋە بەلۇج خەلقىنىڭ بۇ رايوننى ئۆزى باشقۇرۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشرى تەييارلاندى
بېلگىيەدىكى نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى 195 كە ئۆرلىدى
مىلانو شەھىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى كەركۈكتە ئېھتىياجلىق يېتىملەرگە كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش ئۈسكىنىلىرى ياردىمى قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 5 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇبىيو سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەئىدوۋ بىلەن كۆرۈشتى
پاكىستان ئارمىيەسى: بەلۇجىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىندى
تايلاندتىكى كەلكۈن ئاپىتىدە بىر ئايدا 80 كىشى قازا قىلدى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارالىق قوغداش تەلەپ قىلدى
تۈركىيە كانادادىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ترامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
ئاراقچى: نېتانياھۇ تۈرمىگە كىرمەسلىك ئۈچۈن ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەۋاتىدۇ
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇلارنى قىلدى