ئىقتىساد
1 مىنۇت ئوقۇش
ئوتتۇرا شەرقتىكى يەرشارىۋى رىقابەتكە ئالاقىدار خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى
بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى كۈنلۈك بۇ يىغىنغا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتنىشىشى ھەمدە ئالتېرناتىف (تەڭداش) سودا يوللىرى ۋە رايونلۇق ھەمكارلىق قاتارلىق تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.
ئوتتۇرا شەرقتىكى يەرشارىۋى رىقابەتكە ئالاقىدار خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى
/ AA

ئوتتۇرا شەرقتىكى يەرشارىۋى رىقابەتكە ئالاقىدار خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدىكى بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلاندى. يىغىندا سودا تورلىرىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش ۋە نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق ۋەزىيەت مۇزاكىرە قىلىنماقتا.

«چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى ۋە ئوتتۇرا شەرق: سودا يوللىرى ۋە تورلىرىنى قايتىدىن سىزىش» تېمىسىدىكى بۇ ئىككى كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنىنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت، ئاۋىستىرىيە خەلقئارا تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئىنستىتۇتى، ئەلجەزىرە تەتقىقات مەركىزى، ئەنقەرەدىكى سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتى فوندى (SETA) ۋە شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە تەتقىقات مەركىزى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان.

بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا تۈركىيە، ئاۋستىرىيە، گېرمانىيە، خىتاي، رۇسىيە، ئىران، قاتار، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەدىن كەلگەن ئاكادېمىكلار، ئىستراتېگىيەچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلار قاتناشماقتا.

يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى تۇنجى يىغىن باسقۇچىدا، چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىمپېرىيە مىراسلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سودا يوللىرى ۋە ھىندىستان، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ خەلقئارا سودىدىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇھاكىمە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ياۋروپانىڭ مەۋقەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىق مەسىلىلىرىمۇ كۈنتەرتىپنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە بولسا، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىستراتېگىيەلىك سەپ تۈزەش، رايونلۇق تىرىشچانلىقلار ۋە يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەلەر، دۇنيا ۋە رايوندىكى ئۆزگىرىۋاتقان توقۇنۇشلار ۋە قاتلاملىق تۈزۈملەر بىلەن يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان يەرشارىۋى تەرتىپ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يىغىندا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى  (BRI)، خەلقئارالىق شىمال-جەنۇب قاتناش كارىدورى (INSTC) ۋە ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىسادىي كارىدورى (IMEC)  قاتارلىق تەڭداش سودا يوللىرى، ئېنېرگىيە كارىدورلىرى، ئۆزگىرىشلەر ۋە رايونلۇق ھەمكارلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى