ئامېرىكا خىتاينىڭ ئافرىقادىكى نوپۇزىنى توسۇپ قالالمايۋاتىدۇ
ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى ئافرىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا مۇۋەپپەقىيت قازىنالمىغاندىن كېيىن، خىتاي بۇ رايوندىكى تەسىرىنى كۈچەيتمەكتە.
ئامېرىكا خىتاينىڭ ئافرىقادىكى نوپۇزىنى توسۇپ قالالمايۋاتىدۇ
Biden
2024-يىلى12-ئاينىڭ4-كۈنى

Dئۇزۇن يىللاردىن بېرى ۋاشىڭتوننىڭ ئافرىقادىكى ئىقتىسادىي تەسىرى ئەركىن سەيرىدە كېتىپ بارماقتا. ئىمبارگولار، سىياسىي ئالدىنقى ئىشلار، ئىمكانىيەتتىكى ئايرىمىچىلىق ۋە ئۆزگىرىۋاتقان سېلىنما ھەجىملىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكانىڭ رايوندىكى مالىيە نوپۇزى ئىنتايىن تۆۋەنلىمەكتە.

شۇ ۋەجىدىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 2021-يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئافرىقاغا قىلىدىغان ئانگولا زىيارىتىدىن بىرەبر مۆجىزە كۈتمەسلىك كېرەك.

زىيارەت ۋاقتىنىڭ تاللىنىشى ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشلىرى ھەققىدە قىزىقارلىق بىر ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ.  بايدىن تەخمىنەن ئون يىلدىن بېرى سەھرا ئاستى ئافرىقا رايونىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئامېرىكا دۆلەت باشلىقى بولىدۇ. ئاق ساراينىڭ باياناتىدا، «پىرېزىدېنتنىڭ لۇئاندا زىيارىتى، ئامېرىكانىڭ ئافرىقادىكى شېرىكلىرىگە سادىقلىقىنى ئەسكەرتىدۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەمكارلىقنىڭ ئامېرىكا خەلقى ۋە ئافرىقا قۇرۇغلۇقى ئۈچۈن ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىدۇ» دېيىلدى.

بايدىننىڭ زىيارىتىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرى، خىتاينىڭ ئانگولا ۋە باشقا جايلاردا كېڭىيىۋاتقان ئىقتىسادىي تەسىرىنى چەكلەشكە تىرىشىشتۇر. لېكىن خىتاينىڭ مۇھىم سېلىنمىلىرى ۋە ھەر خىل تەرەققىي قىلدۇرۇش تەكلىپلىرى، ۋاشىڭتوننىڭ بۇ پۇرسەتنى يىللار ئىلگىرىلا يوقىتىپ قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ھەر ئىككى دۆلەت ئافرىقانىڭ ئاز ئۇچرايدىغان زېمىن مىنېرال مەنبەلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن رىقابەتلىشىۋاتىدۇ. خىتاي بولۇپمۇ ئافرىقانىڭ سودا بازارلىرى ۋە پورتلىرىنى ئىشلىتىشكە قىزىقىۋاتقان بولسا، ۋاشىڭتوننىڭ بۇ رايوندىكى مەقسىتى دېموكراتىك چېكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش شۇنداقلا ئوخشاش پىكىردىكى ھەربىي ۋە سودا ھەمكارلىقلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بىر تورىنى ساقلاپ قېلىشتۇر.

سېلىنما بوشلۇقلىرى

ۋاشىڭتون، ئافرىقادا كۆپ ساھەلىك سېلىنمىلارنى ئىلگىرىلىتىشتە ھەمىشە قىيىنچىلىققا ئۇچراپ كەلدى. سانائەت، دېھقانچىلىق، مۇھىت ئاسراش سېلىنمىلىرىدىن ئېنېرگىيە مالىيەلىرىگىچە، خىتاي ئافرىقانىڭ كېلەچەكتىكى تەرەققىيات ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە ساھالەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق فورۇمى (FOCAC) قاتارلىق مۇنبەرلەر ئافرىقانىڭ مالىيە ئېھتىياجلىرىنى خىتاينىڭ تەرەققىيات ياردىمى بىلەن ماسلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا. بۇ ئارقىلىق خىتاي ئۆزىنى ئافرىقانىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇلۇشىنىڭ رەھبىرى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا.

بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن يېتەرسىز قالغان تەرىپى دەل مانا بۇ. ئېنېرگىيە جەھەتتە، ئافرىقادا سخقىل ئېنېرگىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن مىليونلىغان دوللارلىق ۋەدە بەردى. لېكىن سېلىنما ھەجىمى، قىتئەنىڭ ئېشىۋاتقان ئېنېرگىيە سېلىنما تەلەپلىرىگە سېلىشتۇرۇلغاندا تۆۋەندە قالدى.

يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي يېشىل ئېنېرگىيە لېيىھەلىرىگە مىلياردلارچە دوللارلىق مەبلەغ سېلىپ، ئىمتىيازلىق قەرزلەرنى ئافرىقانىڭ قىسقا مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا ياردەم قىلىشنىڭ بىر يولى سۈپىتىدە قارىدى. ئامېرىكا بولسا، يىللاردىن بېرى خىتاي قەرزى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ تېز ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، قەرز قىيىنچىلىقى بېسىمى ئااستىدىكى ئافرىقا ئىقتىسادلىرىغا چەت ئەل سېلىنمىلى ئېقىشىنى كۈچەيتىشتە قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئافرىقانى بىر قەدەر خىتاينىڭ دائىرىسىگە ئىتتىرگەن بولدى.

سىياسىي ئېنىقسىزلىق، خىتاي بىلەن بولغان ئۈنۈنملۈك رىقابەتنى تېخىمۇ چەكلىمىگە ئۇچراتتى. بايدىن، سايلامدىن پەقەت 40 كۈن ئىلگىرى ئانگولاغا زىيارەت قىلماقتا ۋە سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ نويابىر ئېيىدا ھاكىمىيەتكە قايتىپ كېلىش ئېھتىمالى كۆرۈنۈپ تۇرماقتا. شۇنداق بولغاندا، 2025-يىلغىچە كۆپ تارماقلىق سېلىنمىلارغا 55 مىليارد دوللار ئايرىشنى نىشان قىلغان بايدىننىڭ ئافرىقا سىياسىتى ئاساسىي ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماسلىقى مۇمكىن. ھازىرغىچە تەخمىنەن 44 مىليون دوللارلىق سېلىنما ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

ترامپ، 2016-يىللىق دەۋرىدە ئافرىقاغا زىيارەتكە بېرىشنى رەت قىلغان ۋە ئافرىقاغا قارىتا يېشىل ئېنېرگىيە مالىيەلىرىنى ۋە دىپلوماتىيەلىك ئېچىلىشلارنى داۋاملىق كەمسىتىپ كەلگەن ئىدى. ترامپنىڭ ئافرىقاغا قارىتا ئۇچۇرى ئېنىق بولۇپ، «ئافرىقا تاشقى سىياسەتتە ئالدىنقى ئورۇندا ئەمەس» دېگەن ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەسىرى بۇنداق چەكلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايتى. بۇ ئاي ېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن <FOCAC>  رەھبەرلەر يىغىنىدا خىتاي دۆلەت بارەئىسى شى جىنپىڭ كېلەر ئۈچ يىل بويىچە ئافرىقاغا تەخمىنەن 51 مىليارد دوللارلىق مالىيە  ياردىمى قىلىشقا كاپالەت بەردى.  خىتاي سودا سىياسەتلىرىدىكى تەۋرىنمەسلىكى بىلەن سەھرا ئاستى ئافرىقانىڭ ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

خىتاي 53 ئافرىقا دۆلىتى بىلەن ئىنچىكە ئالاقىدا ئورنۇتۇپ،  قىتئەگە بىر مىليون يېڭى خىزمەت ئىمكانىيىتى ياراتقۇدەك چوڭ سىياسىي نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ يېقىن تۇرماقتا. ئافرىقا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ چوڭ ئىقتىسادىي ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشنى نەزەردە تۇتقاندا، بايدىننىڭ «خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئاساسىي نىشانى "ئامېرىكانىڭ ئافرىقا خەلقلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئاجقىزلاشتۇرۇش» دەپ قارىشىنى يوققا رىقارغىلى بولمايدۇ.

بۇ قاراش، ئامېرىكا-ئافرىقا مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆز ئىىچدە ئىشقا سېلىشنىڭ ئورنىغا، خىتاينىڭ ئافرىقادىكى نوپۇز يارىتىش تىرىشچانلىقلىرىغا رەددىيە بېرىش خاھىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

 

بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسلىرى

پىرېزىدېنت بايدىننىڭ لۇئاندانى زىيارەت قىلىش قارارى مەنىلىكتۇر. ئەنگولا ئامېرىكا قوللىغان ئالەمشۇمۇل ئۇل ئەسلىھە ۋە سېلىنما ھەمكارلىقى تەشەببۇسى (PGII) نىڭ سودا ماركا لايىھەسى بولغان لوبىتو كارىدورىدا مەركىزىي رول ئويناپ كەلمەكتە. كورىدورنىڭ مەقسىتى ئەنگولانىڭ لوبىتو پورتى، دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتى ۋە زامبىيە ئارىسىدىكى تۆمۈر يول ئۇلىنىشىنى كۈچەيتىشتۇر. بۇ لەيىھە خىتاينىڭ ئافرىقادىكى "بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسلىرى"غا قارشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئامىلى دەپ قارالماقتا.

بىراق، بۇ ئالەمشۇمۇل ئۇل ئەسلىھە ۋە سېلىنما ھەمكارلىقى تەشەببۇسى (PGII)  ئانچە ئىشقا يارىمىدى. بىرىنچىدىن، پىرېزىدېنت بايدىن (PGII)  تەشەببۇسى دائىرىسىدە قايسى دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا تېخىمۇ قاتتىق تاللاش پوزىتسىيەسى تۇتىۋاتىدۇ. بايدىن ھۆكۈمىتى ئەنگولا، دېموكتىك كانگو جۇمھۇرىيىتى، تانزانىيە ۋە زامبىيە بىلەن ھازىرچە مەسلىھەتلىشىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بولسا،  ئافرىقا بىرلىكىدىكى 52 دۆلەت بىلەن پائال مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئالەمشۇمۇل ئۇل ئەسلىھە ۋە سېلىنما ھەمكارلىقى تەشەببۇسى (PGII) نىڭ رايوندىكى جەلپكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بايدىن ئافرىكانىڭ غەربىي قىسمىغا بولغان ئەنسىرەشلىرىنىمۇ ھەل قىلىشى كېرەك. بۇ ئىش ئېرىترىيە، جەنۇبىي سۇدان، سۇدان ۋە زىمبابۋېگە قارىتىلغان "ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېمبارگو چارىلىرىنىڭ" ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىنىمۇ تەقەززا قىلىدۇ.

پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ئافرىكادىكى دەسلەپكى سەپىرىدە ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تەرەققىيات تەشەببۇسلىرىدىن چەتكە قېقىلغانلىقى ھېس قىلىدىغان دۆلەتلەرگە مەركەزلىشىشى تېخىمۇ مەنتىقىلىق بولىدۇ. مۇنازىرىلىك ئېمبارگو چارىلىرىغا قارىتا ئېنىق مەۋقە تۇتۇش، ئافرىقا بىرلىكى دۆلەتلىرى ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچكە ئىرىشىش ۋە ئامېرىكانىڭ پۈتۈن ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئورتاق كېيىنچىلىىقللارغا قارشى كۈرۈشتە جىددىيپوزىتسىيەدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئافرىقا بىرلىكى، رايوندىكى تەرەققىيەت تەشەببۇسلىرى ۋە ئىقتىسادىي ئىنتېگراتسىيە ئۈمىتلىرىنى شەكىللەندۈرۈشتە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكامۇ  ئىقتىساد، ئوزۇق-تۈلۈك بىخەتەرلىكى، سەھىيە، ئىقلىم ۋە ياخشى باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئامېرىكا-ئافرىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئافرىكا بىرلىكىگە تايىنىدۇ.

ئالەمشۇمۇل ئۇل ئەسلىھە ۋە سېلىنما ھەمكارلىقى تەشەببۇسى (PGII) ئۈچۈن ئىككىنچى چەكلىمە قىتئەئارا ئۇلىنىش ۋە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەسىدۇر. بۇ ھەر ئىككىلىسى يېكلەنگەن بىر مۇھىتتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.

ئامېرىكا ئەڭ ئاز تەرەققىي قىلغان ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئالەمشۇمۇل ئۇل ئەسلىھە ۋە سېلىنما ھەمكارلىقى تەشەببۇسى (PGII) نىڭ رايونلۇق ئېنېرگىيە ۋە ئالەمشۇمۇل سودا كۈنتەرتىپىنىڭ مەركىزىگە قويۇشى كېرەك. لوبىتو كورىدورى ئەنگولا پورتى ئارقىلىق خەلقئارالىق سودا ۋە مېنېرالغا ئېرىشىشنى نىشانلىغان بولسا، مۇھىم مېنېرال زەنجىرىنىڭ سىرتىدىكى باشقا ئافرىقا دۆلەتلىرىگە تولىمۇ چەكلىك پايدا يەتكۈزمەكتە.

بۇمۇ ئالەمشۇمۇل ئۇل ئەسلىھە ۋە سېلىنما ھەمكارلىقى تەشەببۇسى (PGII) ئۈچۈن ستراتېگىيەلىك بىر ئاجىزلىقتۇر. چۈنكى ئۇلىنىش لىنىيەسى ئاساسەن ئافرىقادىكى مۇھىم مېنېرالغا ئېرىشىشكە مەركەزلەشكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. ۋاشىنگتون رىقابەت كۈچى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، پورت تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۆپ ۋاسىتىلىق قاتناش تورلىرى ۋە ئېمېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلمايدىكەن، ئىقتىسادىي تەسىرنى ئۆزىنىڭ پايدىسىغا ئۆزگەرتىشى ۋە خىتاينىڭ ئستراتېگىيەلىك شېرىكلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى قىيىن بولىدۇ.

ئامېرىكانىڭ ئافرىقادىكى كۆپ ساھەلىك سېلىنمىلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھە تەكلىپلىرىدىكى چەكلىمىلەرنى نەزەردە تۇتقاندا، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ئەنگولا زىيارىتىنىڭ خىتاينىڭ نوپۇز ھاسىل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىشى ئانچە ئاساندەك ئەمەس.

بۇ تەرەققىيەت ھەمكارلىقىنىڭ پەقەت بىرقانچە ئافرىكا دۆلىتى بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى ۋە زېمىن بايلىقى مول بىر دۆلەتنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان بېرىلگەن ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دېگەنلىك بىلەنلە چەكلىنىپ قالىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ رەھبىرىنى ۋاشىنگتوندا كۈتۈۋالىدۇ
ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان كالىفورنىيە قۇملۇقىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
فىلىپپىنغا ئېغىر زەربە بەرگەن «كالمائېگى» دېڭىز بورىنى ۋىيېتنامغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە
فلورىدا سوتنىڭ قارارى بويىچە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مال-مۈلۈك سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدۇ
بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنادا ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 10 كىشى قازا قىلدى
مامدانى نىيۇ يورك تارىخىدا شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغان مۇسۇلمان نامزات بولۇپ قالدى
مېرز سۈرىيە پىرېزىدېنتىنى گېرمانىيەگە تەكلىپ قىلدى
ترامپ مامدانىنىڭ مالىيە ياردىمىنى كېسىدىغانلىقى ئېيتىپ تەھدىت سالدى
ترامپ: ئامېرىكا نېتانياھۇغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قانۇنىي ئەيىبلەش باسقۇچىغا داخىل بولىدۇ
رۇسىيە: مىشۇستىننىڭ خىتاي زىيارىتى ناھايىتى مۇھىم
ترامپ رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يوشۇرۇن يادرو سىناقلىرى قىلغانلىقىنى ئىلگرى سۈردى
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ تۆت كىشىنى ئۆلتۈردى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزدى
مالدىۋې ئاراللىرى دۇنيادىكى تۇنجى ئەۋلادلار ئارا تاماكا چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويدى
كارنى:قائىدە-تۈزۈمگە ئاساسلانغان سودا دەۋرى ئۆتۈپ كەتتى
موسكۋانىڭ ئۇكرائىنا تەلەپلىرىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشى، ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشىنى تورمۇزلاپ قويدىمۇ؟
باش مىنىستىر مېرز: گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىنى خالايدۇ