سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقان پەيتلەردە، رۇسىيە كىيېۋغا ھۇجۇم قىلدى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي زېلېنسكىي ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقان پەيتلەردە، رۇسىيە كىيېۋغا ھۇجۇم قىلدى
زېلېنسكىي G7 دىكى سۆھبەتلەرنى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تىرىشىدىغان «ماسلاشتۇرۇش سۆھبىتى» دەپ تەسۋىرلىدى. (سۈرەت: ئارخىپ) / Reuters

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 7 دۆلەت گۇرۇھى (G7) باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان باشقا رەھبەرلەر بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون (Emmanuel Macron) بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى. زېلېنسكىي بۇ ئۇچرىشىشنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى تۆت يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان بىر قېتىملىق «ماسلاشتۇرۇش سۆھبىتى» دەپ تەرىپلىدى.

يەرلىك دائىرىلەر رۇسىيەنىڭ پايتەخت كىيېۋغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھۇجۇم پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بىرنەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىنلا يۈز بەرگەن بولۇپ، دائىرىلەر رايون ئاھالىسىنى جىددىي تۈردە پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا كىرىشكە چاقىردى.

ئۇكرائىنا زېمىنىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ھۇجۇمىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلگەن بىر پەيتتە، «رويتېرس» (Reuters) ئاگېنتلىقىنىڭ بىر شاھىتى كىيېۋدا پارتلاش ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى. شەرقىي شىمالدىكى سۇمى (Sumi) شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى بولسا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كىيېۋ ھەربىي مەمۇرىيىتىنىڭ باشلىقى تىمۇر تكاچېنكو (Tymur Tkachenko) پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە «تېلېگرام» (Telegram) سۇپىسىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا: «دۈشمەن پايتەختكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن زەربە بەرمەكتە. ھاۋا ھۇجۇمىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئاخىرلاشقۇچە بىخەتەر ئورۇنلاردىن ئايرىلماڭلار!» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

كىيېۋغا قىلىنغان بۇ قېتىمقى ھۇجۇم، رۇسىيەنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بارغان ئىككىنچى قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدۇر.

دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمدا، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ روھى ۋە مەدەنىيەت مىراسىنىڭ سىمۋولى بولغان مىڭ يىللىق بىر ئىبادەتخانا ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى. 10 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ ھۇجۇم ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە سەۋەب بولدى.

دونالد ترامپ چارشەنبە كۈنى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن زېلېنسكىينىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۇرۇشقا چارە تېپىش مەسىلىسىدە ئوچۇق پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

كىرېمىل سارىيى (Kremlin) بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پۇتىننىڭ ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئەڭ يېقىنقى تېلېفون سۆھبىتىدە، زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈش ئېھتىماللىقىنى مۇزاكىرە قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا، رۇسىيە جەڭ مەيدانىدا يېڭىلگۈچى تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى زاپورىژيا (Zaporijya) يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى خادىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئولتۇراقلاشقان ئېنېرگودار (Enerhodar) شەھىرىگە رۇسىيە تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن شەھەر باشلىقى ماكسىم پۇخوۋ (Maksim Pukhov) «تېلېگرام»دا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە تۆت كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ بېلگورود (Belgorod) چېگرا رايونىدىمۇ يەرلىك دائىرىلەر، ئۇكرائىنانىڭ بىر قېتىملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىنىڭ بىر كىشىنىڭ قازا قىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

چارشەنبە كۈنى موسكۋا تەرەپ بېلارۇسىيەلىك ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرغان بىر ئاپتوبۇسقا ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، كىيېۋ دائىرىلىرى مەزكۇر ئىددىئانىڭ «يالغان» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى روستوۋ (Rostov) رايونىنىڭ باشلىقى يۇرى سلىيۇسار (Yuri Slyusar) «تېلېگرام»دا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئىككى كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، شۇنداقلا مەزكۇر رايوندىكى ئىككى سودا ئورنىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

سلىيۇسار يەنە، گۇكوۋو (Gukovo) بازىرىغا قارىتىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى سەۋەبىدىن بىر پاراۋۇزنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ھەمدە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ھۇجۇملارنى قايتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى