خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
كۇبا ئامېرىكا جازالىرىغا جەڭ ئېلان قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىنى قوبۇل قىلدى
«بىزنىڭ ئامېرىكا» ناملىق ياردەم ئەترىتى فىلوتى ترامپ ھۆكۈمىتى كۇباغا يېقىلغۇ تەمىنلەشنى توختىتىش قارارىنى چىقارغاندىن كېيىن، كۇبا ئىنتايىن ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن بىر پەيتتە ھاۋاناغا يېتىپ باردى.
كۇبا ئامېرىكا جازالىرىغا جەڭ ئېلان قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىنى قوبۇل قىلدى
Kuba éghir iqtisadiy krizis wä yétishsizliklär bilen yüzlinip turghan bir peytte, yardam floti yétip keldi. / Reuters

كۇبا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئارالغا يېقىلغۇ ۋە باشقا ماللارنى توشۇشنى چەكلىگەن جازالىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈشنى مەقسەت قىلغان «بىزنىڭ ئامېرىكا» (Nuestra América) ئەترىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇۋالدى.

كىچىك بىر پاراخوتقا بېسىلغان ياردەم بۇيۇملىرى ئۆتكەن ھەپتە مېكسىكادىكى پروگرېسو پورتىدىن يولغا چىقىپ سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ھاۋانا پورتىغا يېتىپ كەلدى. كۇبا دائىرىلىرىگە 14 توننا يېمەكلىك، دورا-دەرمەك، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى ۋە ۋېلىسىپىت تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

ھاۋاناغا يېتىپ كەلگەن پاراخوت پروگرېسودىن يولغا چىققان فىلوتتىكى ئۈچ پاراخوتنىڭ بىرى بولۇپ، قالغان ئىككى پاراخوتنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يېتىپ كېلىشى كۈتۈلمەكتە.

پائالىيەتچىلەر ئۆتكەن ھەپتىمۇ جەمئىي 6 توننىلىق ياردەم بۇيۇملىرىنى ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ كېلىپ دوختۇرخانىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى. مال تاپشۇرۇش جەريانى كۇبا دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە كۆرسىتىلدى.

كۇبا پىرېزىدېنتى مىگۇئېل دىياز-كانېل ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى جېرېمى كوربىنغا ئوخشاش ياۋروپالىق سىياسەتچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ياردەم ئەترىتى ئەزالىرىنى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە قوبۇل قىلدى.

«بىزنىڭ ئامېرىكا» ئەترىتى ناملىق ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى تەشكىلات ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، سىياسىي پارتىيەلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 300 گە يېقىن تەشكىلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىرازىلىيەلىك پائالىيەتچى تىياگو ئاۋىلا قىرغاققا چىققاندىن كېيىن «بۇ پەقەت بىرىنچى قەدەم. تېخىمۇ كۆپ ياردەم كېلىدۇ» دېدى.

بۇ سىمۋوللۇق بىر ياردەم

كارىب دېڭىزىدىكى ناچار ھاۋا رايى سەۋەبىدىن كېچىكىپ كەلگەن سەيشەنبە كۈنىدىكى بۇ ياردەم، قاتناش، سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە توك چىقىرىش قاتارلىق ساھەلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت ئۈچۈن «سىمۋوللۇق ياردەم» دەپ تەسۋىرلەندى.

ترامپ ھۆكۈمىتى ئارالنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىپ، كۇبانى نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتلەرگە تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالغانىدى.

بۇ ئەڭ ئاخىرقى ياردەم كوستارىكا ئېكۋادورغا ئەگىشىپ كۇبا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىشقا ئاشتى.

ئىزدىنىڭ
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ