سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
كولۇمبىيە پىرېزىدېنتى پېترود ئامېرىكاغا قارشى بىرلىشىش چاقىرىقىدا بولدى
كولۇمبىيە پىرېزىدېنتى پېترو ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ھۇجۇمىدىن كېيىن لاتىن ئامېرىكانى ئامېرىكاغا قارشى بىرلىشىشكە چاقىردى.
كولۇمبىيە پىرېزىدېنتى پېترود ئامېرىكاغا قارشى بىرلىشىش چاقىرىقىدا بولدى
كولۇمبىيە پىرېزىدېنتى پېترود ئامېرىكاغا قارشى بىرلىشىش چاقىرىقىدا بولدى / Reuters

كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋو پېترو: «شمالدىن ياكى جەنۇبتىن كەلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن نە كاراكاسنىڭ نە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشىنى خالىمايمىز» دېدى.

كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋو پېترو ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ھەربىي ئارىلىشىشىنى تەنقىد قىلىپ، لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنى ئامېرىكاغا قارشى بىرلىشىشكە چاقىردى.

پېترو چارشەنبە كۈنى پانامادا لاتىن ئامېرىكا ۋە كارىپلار تەرەققىيات بانكىسى (CAF) تەرىپىدىن چاقىرىلغان لاتىن ئامېرىكا ۋە كارىپلار خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن پېترو، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نامىنى ئاشكارا تىلغا ئالماستىن مۇنداق دېدى:

 «كاراكاسنىڭ ياكى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ نە شىمالدىن نە جەنۇبتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشىنى خالىمايمىز. خەلقلىرىمىز تارىخنى شۇنداق شەكىللەندۈردىكى، ئۆزىمىزنى لاتىن ئامېرىكا ۋە كارىپلار مەدەنىيىتى دەپ قاراشقا باشلىشىمىز كېرەك؛ بىز خىلمۇخىلمىز، بىر-بىرىمىزدىن ئىنتايىن پەرقلىقمىز، ئەمما بىر-بىرىمىز بىلەن بىر گەۋدىمىز.»

خەلقئارالىق خىرىسلار توغرىلىقمۇ توختالغان  پېترو، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، كىلىمات كىرىزىسى ۋە كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلارغا ئوخشىغان يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ رايونلۇق بىرلىشىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

لاتىن ئامېرىكانىڭ ھەقىقىي كۈچىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ياكى پۇلدىن كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پېترو: «ھەقىقىي بايلىق ھاياتتا، تەبىئەتتە، مەدەنىيەتنىڭ خىلمۇخىللىقىدا ۋە دۇنياغا ئۇرۇش ئورنىغا تىنچلىقپەرۋەر بىر تاللاشنى سۇنۇش ئىزدىنىشىدىدۇر. پارچىلانغان ۋە يىگانە بولۇشنى قوبۇل قىلامدۇق ياكى ھەقىقىي بىر بىرلىك قۇرامدۇق؟» دېدى.

يىغىنغا بىرازىلىيە، پاناما، بولىۋىيە، يامايكا، ئېكۋادور ۋە گىۋاتېمالا  قاتارلىق دۆلەتلەرننىڭ پىرېزىدېنتىكىرىدىن باشقا، چىلىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى خوسې ئانتونىيو كاستمۇ قاتناشتى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا