سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەرەب رەھبەرلىرى غەززەلىكلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشنى رەت قىلىپ، مىسىرنىڭ غەززە پىلانىنى قوللىدى
سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا (شەرئ) مەجبۇرىي كۆچۈرۈش (سۈرگۈن قىلىش) ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ «ئىنسانىيەت ئۈچۈن نومۇس»، «ئەرەب دۇنياسى ئۈچۈن بىر سىناق» دېدى.
00:00
ئەرەب رەھبەرلىرى غەززەلىكلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشنى رەت قىلىپ، مىسىرنىڭ غەززە پىلانىنى قوللىدى
ئەرەب ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى قاھىرەدە يىغىن چاقىردى / AA Archive

مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى ئەرەب رەھبەرلىرىنىڭ مىسىرنىڭ «ئۇرۇشتىن كېيىنكى غەززە پىلانى»نى ماقۇللىغانلىقىنى ۋە بۇ پىلاننىڭ تەخمىنەن ئىككى مىليون پەلەستىنلىكنىڭ ئۆز زېمىنىدا قېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەيشەنبە كۈنى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، رەھبەرلەر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ رايوننى بوشىتىش ۋە ئۇنى دېڭىز بويى ساياھەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش پىلانىغا قارشى چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ غەززەلىكلەر توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان قارشى تەكلىپ لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلغان سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا پەلەستىنلىكلەرنى ئۆز زېمىنىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈش چاقىرىقلىرىنى ئەيىبلەپ، بۇ «ئىنسانىيەت ئۈچۈن نومۇس» ۋە پۈتۈن ئەرەبلەر ئۈچۈن بىر «سىناق» دېدى.

«پەلەستىن خەلقىنى ئۆز زېمىنىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈش چاقىرىقى ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر نومۇس» دېگەن شەرا، بۇ خىل چاقىرىقلارنىڭ «پەقەت پەلەستىن خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئەرەب مىللىتى ئۈچۈن بىر تەھدىت» ئىكەنلىكى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ غەززە خەلقىنىڭ كۆچۈرۈلۈش تەھدىتى «پەقەت ئىنسانىي مەسىلىلا ئەمەس؛ بۇ بىزنىڭ ئەرەبلەر سۈپىتىدە ھاياتىي دەۋايىمىزغا بولغان ساداقىتىمىزنى سىنايدىغان بىر ئىمتىھاندۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

شارا پەلەستىن خەلقىنى ئۆز زېمىنىدىن — يىلتىزىدىن ئايرىپ تاشلاشنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «پۈتۈن ئەرەبلەرنىڭ بۇ خىل پىلانلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دېدى.

'سىياسىي كۆرسەتمە' زۆرۈرىيىتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، غەززەنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، قايتا قۇرۇلۇشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلغان ئېنىق بىر سىياسىي كۆرسەتمىگە ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈردى.

«غەززە كەلگۈسىدىكى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇشى كېرەك» دېگەن گۇتېررېس، «غەززەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كەلگۈسى بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە خەلقىنىڭ تارتىۋالغىلى بولمايدىغان ھوقۇقلىرى ئاساسىدا بەرپا قىلىنىشى كېرەك» دېدى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ ئالاقىدار تەرەپلەرنى دەرھال جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە چاقىردى ۋە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈشنىڭ «سۆھبەتلىشىش تېمىسى قىلىنمايدىغان» ئاساسىي ھوقۇق ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

گۇتېررېس بۇ جىددىي باشلىقلار يىغىنىغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش، ئىنسانىي ئازابنى يېنىكلىتىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم دەپ باھا بەردى.

 

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى