خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
«س د گ» نىڭ ھەلەبتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئىككى سۈرىيەلىك ئەسكەر قازا قىلدى
سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «س د گ» نىڭ پۇقرالار ۋە ھەربىي نىشانلارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«س د گ» نىڭ ھەلەبتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئىككى سۈرىيەلىك ئەسكەر قازا قىلدى
«س د گ» نىڭ ھەلەبتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئىككى سۈرىيەلىك ئەسكەر قازا قىلدى / AP

سۈرىيە ئەرەب خەۋەر ئاگېنتلىقى — سانا، «س د گ» تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەبنىڭ چەت ياقىسىغا جايلاشقان دەير ھافىرغا قاراتقان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئىككى سۈرىيە ئەسكىرىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ۋە ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، «س د گ» نىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ھەلەبنىڭ شەرقىدىكى يېزا-بازارلارنى مىناميوت ۋە راكېتامىيوتلار بىلەن نىشانغا ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، بۇ ھۇجۇملاردا ھەربىي خادىملارنىڭمۇ، پۇقرالارنىڭمۇ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«س د گ» پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ھەرىكەت قىلىدۇ.

تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارايدۇ.

بۇ ھۇجۇم دەمەشىق ھۆكۈمىتى پۇقرالارغىمۇ، ھەربىي نىشانلارغىمۇ قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا يۈز بەرگەن بىر يۈرۈش ھۇجۇملارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ھېسابلىنىدۇ.

ھۇجۇملارنىڭ بۇ قەدەر كۆپىيىشى، سۈرىيەدە تەخمىنەن 25 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بەششار ئەسەد 2024-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا رۇسىيەگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، دۆلەت سىياسىي جەھەتتە ئۆزگىچە بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.

سۈرىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى 10-مارت «س د گ» نىڭ دۆلەت ئورگانلىرىغا قوشۇلۇشى توغرىسىدا بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

باياناتتا سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، بۆلگۈنچىلىك كۈنتەرتىپلىرىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىمۇ ئىپادىلەنگەنىدى. بىراق، دەير ھافىردا يۈز بەرگەن ھۇجۇملار دۆلەتنى مۇقىملاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا داۋاملىق توسالغۇ بولماقتا.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ «س د گ» نىڭ ھەرىكەتلىرىگە «قەتئىي» تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىشىنىڭ رايوندىكى مۇقىملىق تىرىشچانلىقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

مىنىستىرلىق يەنە خەلقئارادىكى ئاكتىيورلارنى پ ك ك بىلەن مۇناسىۋەتلىك گۇرۇپپىلارنى قوللىماسلىققا چاقىردى.

مىنىستىرلىق زوراۋانلىقنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى پۇقرالارنى قوغداش ۋەدىسىنى تەكرارلاپ، «س د گ» نى «دۆلەتتىكى ئاجىز بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ بۆلگۈنچىلىك كۈنتەرتىپىنى تېڭىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى