سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا تەۋە 400 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۈق
ئۇكرائىنا ئاخىرقى ئايلاردا بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلىپ، رۇسىيەگە قارشى ئۇزۇن مۇساپىلىك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى.
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا تەۋە 400 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۈق
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا تەۋە 400 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۈق / Reuters

رۇسىيە دائىرىلەر ئالتە ئايلىق بىر بوۋاقنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن موسكۋا رايونىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، سەيشەنبە كۈنى دۆلەت مىقياسىدا كېچىچە ئۇكرائىناغا تەۋە 419 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

موسكۋانىڭ ئۇكرائىناغا قارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمى تەخمىنەن تۆت يېرىم يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، كىيېۋ ئاخىرقى ئايلاردا رۇسىيەگە قارشى ئۇزۇن مۇساپىلىك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى.

كىيېۋ ئۇرۇش چىقىملىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان كىرېمىلنىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە كىرىم مەنبەسىگە زەربە بېرىش مەقسىتىدە، بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Max سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ دۆلەت مىقياسىدا «ئۇكرائىنادا ئىشلەنگەن تۇراقلىق قاناتلىق 419 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى» توسۇپ قېلىپ ۋەيران قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

موسكۋا رايونىنىڭ باشلىقى ئاندرېي ۋوروبيوف كېيىنچە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ موسكۋانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى يېۋگورىيېۋىسك يېزىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر «مۇستەقىل ئۆي» گە تەگكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋوروبيوف ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Telegram سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئەپسۇسكى، ئالتە ئايلىق بىر بوۋاق دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزگىلدە ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئىككى چوڭ ئادەم بىلەن يەنە بىر بالىمۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى» دېدى.

موسكۋا شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبيانىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ دۈشەنبە كەچتىن بۇيان پايتەختنى نىشان قىلغان 61 «دۈشمەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى» نى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرى، رۇسىيەنىڭ پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى ئارىسىدا —توقۇنۇشلار باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سانلارنىڭ بىرى بولغان— 660 ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرۈشىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يۈز بەردى.

ئۆتكەن ھەپتە ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر ئۇكرائىنا ھۇجۇمى موسكۋانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا ئوت  ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ