خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
«ۋول سترىت ژۇرنىلى»: «ترامپ ئىراننىڭ 7 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى رەت قىلدى»
ئىراننىڭ 7 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ رەت قىلغانلىقى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى قايتىدىن باشلاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
«ۋول سترىت ژۇرنىلى»: «ترامپ ئىراننىڭ 7 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى رەت قىلدى»
«ۋول سترىت ژۇرنىلى»: «ترامپ ئىراننىڭ 7 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى رەت قىلدى»

«ۋول سترىت ژۇرنىلى»  گېزىتىنىڭ ئىسىملىرىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكالىق ئەمەلدارلارنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، ترامپنىڭ نويابىر ئېيىدىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى قايتىدىن باشلاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋەردە ئامېرىكالىق مەنبەلەرگە ئاساسەن، ترامپنىڭ ئىراننىڭ 7 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقى ۋە ياردەمچىلىرىگە ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى قايتىدىن باشلاشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ترامپنىڭ «چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قايتىدىن باشلاشقا خالىمايدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەۋەردە، بۇنىڭ قىسمەن ھالدا ئامېرىكانىڭ ئازىيىۋاتقان ئوق-دورىلىرىنى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئەھۋاللار ئۈچۈن ساقلاپ قېلىشنى خالىشىدىن كېلىپ چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ كېمە قاتنىشىغا ئېچىلىشى ئۈچۈن مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق ئامېرىكاغا 7 كۈنلۈك «ئېنىق» بىر پىلان سۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قارار قىلىش ھوقۇقىنىڭ ۋاشىنگتونغا ئائىت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى