ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا كونگرە ئەزالىرى: ئېنۋىدىيا ئۆزەكلىرى خىتاينىڭ ھەربىي سۈنئىي ئەقىل ئىقتىدارىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئېنۋىدىيا (Nvidia) شىركىتىنىڭ «چوڭقۇر ئىزدىنىش» (DeepSeek) شىركىتىنى قوللىشى نەتىجىسىدە، ئېنۋىدىيا ئۆزەكلىرى خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە خىزمەت قىلغان.
ئامېرىكا كونگرە ئەزالىرى: ئېنۋىدىيا ئۆزەكلىرى خىتاينىڭ ھەربىي سۈنئىي ئەقىل ئىقتىدارىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ
ئېنۋىدىيا ئۆزەكلىرىنىڭ ئۈستىدىكى شىركەت لوگوسى، رويتېرس. / Reuters
2026-يىلى1-ئاينىڭ30-كۈنى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىر گۇرۇپپا ئەزالىرى پەيشەنبە (29-يانۋار) كۈنى تېخنولوگىيە گىگانت شىركىتى ئېنۋىدىيانىڭ خىتايغا ئىلغار ئۆزەكلەرنى سېتىشىغا يول قويۇلغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئېنۋىدىيانىڭ «چوڭقۇر ئىزدىنىش» سۈنئىي ئەقىل شىركىتىنى قوللىشىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ ئېكس  (X) (تۋىتتېر) بېتىدىكى باياناتىدا: «ئېنۋىدىيا تېخنولوگىيەسى خىتاي ئارمىيەسىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلگەن بولسا، بۇ يېڭىلىق يارىتىش ئەمەس، بەلكى بىخەتەرلىك جەھەتتىكى مەغلۇبىيەتتۇر» دېدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئېنۋىدىيانىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن <چوڭقۇر ئىزدىنىش>  پايدىلانغان ۋە نەتىجىدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى (PLA) ئىشلىتىدىغان سۈنئىي ئەقىل مودېلىغا ئىشلىتىلگەن.»

كالىفورنىيەگە جايلاشقان ئېنۋىدىيا شىركىتى سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىگە بولغان غايەت زور ئېھتىياج سەۋەبىدىن نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك شىركەت ھېسابلىنىدۇ. بىراق، ئامېرىكا بىلەن خىتاي تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە رىقابەتلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ شىركەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جۇغراپىيەلىك سىياسىي تىركىشىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - China approves first Nvidia H200 chip imports as Beijing recalibrates AI policy

ئېنۋىدىيا شىركىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ ئەيىبلەشلەرگە رەددىيە بېرىپ، خىتاينىڭ «بارلىق ھەربىي يۇمتاللىرى ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە، ھەتتا ئارتۇق مىليونلىغان يەرلىك ئۆزەكلىرى بارلىقى» نى ۋە «خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا تېخنولوگىيەسىگە تايىنىپ قېلىشىنىڭ ھېچقانداق لوگىكىلىق ئاساسى يوقلۇقى» نى بىلدۈردى.

باياناتچى يەنە: «ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغۇچىلار بىلىپ-بىلمەي چەت ئەللىك رىقابەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ» دەپ ئەسكەرتتى.

ئىككى پارتىيەدىن  جەمئىي23  ئەزادىن تەركىب تاپقان كومىتېتنىڭ باياناتىدا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى خوۋارد لۇتنىك (Howard Lutnick) قا ئەۋەتىلگەن بىر پارچە مەكتۇپنىڭ نۇسخىسىمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەيىبلەشلەر تەپسىلىي بايان قىلىندى.

سودا مىنىستىرى خوۋارد لۇتنىكقا يېزىلغان مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلدى: «كومىتېتقا تەمىنلەنگەن ھۆججەتلەر ئېنۋىدىيانىڭ كەڭ كۆلەملىك تېخنىكىلىق قوللىشى نەتىجىسىدە، <چوڭقۇر ئىزدىنىش> شىركىتىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سۈنئىي ئەقىل ئىقتىدارىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ تېخنىكا ھازىر خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى  سىستېمىلىرىغا سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، بۇنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.»

ئۆتكەن يىلى (2025) خىتاينىڭ «چوڭقۇر ئىزدىنىش»  شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تۆۋەن تەننەرخلىق سۈنئىي ئەقىل مودېلى ئامېرىكادىكى رىقابەتچىلىرى بىلەن تەڭلىشىپ، ئامېرىكانىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ ساھەدىكى ئۈستۈنلۈكى ھەققىدىكى قاراشلارنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى.

چارشەنبە (28-يانۋار) كۈنى يېزىلغان كومىتېتنىڭ خېتىدە دېيىلىشىچە، ئېنۋىدىيا «چوڭقۇر ئىزدىنىش»  شىركىتىگە «ئۆلچەملىك تېخنىكىلىق قوللاشقا لايىق، قانۇنىي سودا ھەمراھى» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Nvidia CEO says China will 'win the AI race'

ئەمما مەكتۇپتا، «چوڭقۇر ئىزدىنىش»  شىركىتىنىڭ ئامېرىكالىقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى «ئامېرىكادا پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر خىتاي ھەربىي شىركىتىگە تەۋە ئاساسىي ئەسلىھەلەر ئارقىلىق» خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنغان.

مەكتۇپتا يەنە، ئۆكتەبىر ئېيى (2025) دا ئېلان قىلىنغان جېيمىستوۋن جەمئىيىتىنىڭ (Jamestown Foundation) بىر دوكلاتى تىلغا ئېلىنغان. بۇ دوكلاتتا، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تەمىنلەش ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ «چوڭقۇر ئىزدىنىش»  نى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى ۋە ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە پۈتۈنلەي بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقى خۇلاسىلەنگەن.

ئامېرىكا كونگرە ئەزالىرى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سابىق پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بوشاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېنۋىدىيا سۈنئىي ئەقىل ئۆزىكى «H200» مودېلىنىڭ خىتايدا سېتىلىشىغا رۇخسەت قىلىش قارارىغا «ئېنىقلىما بېرىش» كە چاقىردى.

كونگرە ئەزالىرى يەنە «چەكلەنگەن ئاخىرقى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ <چوڭقۇر ئىزدىنىش> ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئالاھىدە ھوقۇقىغا ئوخشاش پۇرسەتكە ئېرىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن» مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى
«WSJ»: سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكاغا «ھورمۇز قورشاۋىنى بىكار قىل» دەپ بېسىم ئىشلەتمەكتە
مېلونى: ئىتالىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويدى
خىتاي ۋە ئىسپانىيە «پارچىلىنىۋاتقان» دۇنيا تەرتىپىدە بىرلىككە كېلىش سىگنالى بەردى
ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن خىتاي ماي توشۇش پاراخوتى ھورمۇز بوغۇزى قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتتى
ئىران بەش ئەرەب دۆلىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»