سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئاۋسترالىيە: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى قامال قىلىشىدىكى «باھانىلىرى» «ئىشەنچسىز»
ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئالبانېس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ياردەم قورشاۋىنى رەھىمسىز دەپ ئاتاپ ئەيىبلىدى ۋە ئۇ خەلقئارا تەنقىدلەر كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، غەززەگە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئاۋسترالىيە: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى قامال قىلىشىدىكى «باھانىلىرى» «ئىشەنچسىز»
/ AA

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانېس دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ياردەم كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان «باھانە ۋە ئىزاھاتلىرىنىڭ» «ئاقلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى» ۋە «قايىل قىلارلىق ئەمەسلىكىنى» ئېيتىپ، تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتىنى ئەڭ كەسكىن شەكىلدە تەنقىد قىلدى.

كانبېررادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالبانېس مۇنداق دېگەن: «ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئېھتىياجلىق كىشىلەر تۇرۇۋاتقان غەززەگە يېمەكلىك ۋە باشقا بۇيۇملارنىڭ كىرگۈزۈلۈشىنى توسۇش ئىنتايىن رەزىللىكتۇر».

ئالبانېس بۇ تەنقىدنى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى رىمدا ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرتزوگ بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتىغا: «ئىسرائىلىيەنىڭ باھانىلىرى ۋە ئىزاھاتلىرى پۈتۈنلەي ئاقلىغىلى بولمايدۇ ھەمدە قايىل قىلارلىق ئەمەس» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىنسانلار ئاچلىقتىن ئۆلۈۋاتىدۇ. بىر دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشىنى چەكلىشى ھەقىقىي مەنىدىكى زۇلۇمدۇر» دېدى.

ئالبانېسنىڭ بۇ تەنقىدلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ غەززەنىڭ ئاچارچىلىق ھارپىسىدا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى يېقىنقى ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

ئىسرائىلىيەگە قارشى ئېمبارگو تەھدىتلىرى

ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە كانادا قاتارلىق نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ قورشاۋدىكى رايونغا «ئاز مىقداردا» ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كىرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش بىلەن تەھدىت سالدى.

كانبېررا بۇ ئورتاق تەھدىتكە ئىمزا قويمىغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىغا قويغان ياردەم لايىھەسىگە قارىتا كۈچىيىۋاتقان خەلقئارا تەنقىدلەرگە قوشۇلۇپ، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ تولۇق ۋە دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارانىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلىپ، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قارشى شىددەتلىك ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولغان 53 مىڭ 900 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى (IOM) نىڭ جۈمە كۈنىدىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ھەپتە ئىسرائىلىيەنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرى ۋە قورشاۋى سەۋەبىدىن غەززەدە 172 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلغان.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، غەززەدە ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە، رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشى سەۋەبلىك خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدا بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغىمۇ دۇچ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى