فىرانسىيەدە كەم دېگەندە 150 تاللا بازىرىنىڭ سوۋۇتۇش سىستېمىسى تور ھۇجۇمىنىڭ نىشانىغا ئايلاندى. سىستېمىغا يىراقتىن ھۇجۇم قىلغان خاككېرلار توڭلاتقۇلاردىكى يېڭى ۋە توڭلىتىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ سېسىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مىليونلىغان ياۋرو زىيان سالدى.
بەزى دۇكانلارنىڭ تېمپېراتۇرا تەڭشىگۈچلىرىنىڭ تور ئارقىلىق يىراقتىن ئۆزگەرتىلگەنلىكى، بۇنىڭ يېڭى ۋە توڭلىتىلغان مەھسۇلات زاپاسلىرىنىڭ سېسىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
Cooperative U گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دومىنىك شېلچېر (Dominique Schelcher) ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈنۈگۈن كېچىدىن باشلاپ تورىدىكى نۇرغۇن دۇكانلارنىڭ سوۋۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىليونلىغان ياۋرو زىيان كۆرۈلدى
فىرانسىيە BFMTV تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سوۋۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى قوغداش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بىر سىستېما خاككېرلار تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈۋېلىنغان.
خاككېرلار مەزكۇر سىستېمىنىڭ ئىقتىدارىنى تەتۈر ئىشلىتىپ، توختىماي ۋە مەجبۇرىي شەكىلدە مۇز ئېرىتىش جەريانىنى قوزغىتىۋەتكەن. بۇ ھۇجۇم سەۋەبىدىن بەزى توڭلاتقۇلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى 50 گىرادۇسقا يەتكەن.
پەقەت ئالزاس (Alsace) رايونىدىكى ئىككى Intermarche ۋە Super U تاللا بازىرىدىلا 270 مىڭ ياۋرو زىيان كۆرۈلگەن. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادىي زىياننىڭ مىليونلىغان ياۋروغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.






















