تەيۋەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسرائىلىيەنى مەخپىي زىيارەت قىلغان

تەيۋەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۆز-ئارا مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسىرائىلىيەنى مەخپىي زىيارەت قىلدى.

By
« CH-47SD -بويىڭ» ۋە «UH-60 -قارا بۈركۈت» ناملىق تىك ئۇچارلار تەيبېي ئاسمىنىدا تەيۋەن بايرىقىنى ئۇچۇردى. 2025-يىلى 8-ئۆكتەبىر. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

تەيۋەن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يوق، ئەمما تەيۋەن غەززە ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىسرائىلىيەنى كۈچلۈك قوللىدى.

 تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانكىيۇس ۋۇ  (Francois Wu) دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيەدە ئاشكارىلانمىغان بىر قېتىملىق زىيارەتتە بولدى. ئۇنىڭ زىيارىتىدىن خەۋەردار نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۈچ ئەمەلدار رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

بېيجىڭنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن تەيۋەننىڭ رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى ئاز. بېيجىڭ بۇ ئارالنى بىر دۆلەت ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ بىر ئۆلكىسى دەپ قارايدۇ. باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاش، ئىسرائىلىيەمۇ رەسمىي ھالدا تەيبېينى ئەمەس، بەلكى بېيجىڭنى ئېتىراپ قىلىدۇ. تەيۋەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى چەت ئەللەرگە ساياھەت قىلسىمۇ، ئىسرائىلىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە بېرىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

شۇنداقتىمۇ، تەيۋەن ئىسرائىلىيەنى مۇھىم شېرىك دەپ قارايدۇ. 2023-يىلى ئۆكتەبىردىكى ھاماسنىڭ چېگرا ھالقىغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمى ۋە ئارقىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە بېسىپ كىرىشىدىن كېيىن، تەيۋەن ئىسرائىلىيەنى كۈچلۈك قوللىدى ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككى تەرەپ ئالاقىسىنىڭ سەۋىيەسى ئۆرلىدى.

مەسىلىنىڭ سەزگۈرلۈكى تۈپەيلىدىن نام-شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن مەلۇمات بەرگەن ئەمەلدارلار، رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ۋۇنىڭ يېقىنقى ھەپتىلەردە ئىسرائىلىيەگە بارغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمەلدارلارنىڭ ئىككىسى بۇ زىيارەتنىڭ مۇشۇ ئايدا (نويابىردا) ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمەلدارلار ئۇنىڭ كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ياكى نېمىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. جۈملىدىن، ئۇنىڭ پىرېزىدېنت لەي چىڭدې (Lai Ching-te) ئۆكتەبىردە ئېلان قىلغان ۋە قىسمەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىدىن ئۈلگە ئالغان « ت-دوم»  (T-Dome) ناملىق يېڭى كۆپ قاتلاملىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ھەققىدە سۆزلەشكەن-سۆزلەشمىگەنلىكىنىمۇ ئاشكارىلىمىدى.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋۇنىڭ ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلغان-قىلمىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىشنى رەت قىلدى.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «تەيۋەن بىلەن ئىسرائىلىيە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە قىممەت قارىشىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولماقتا. سودا، تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئەمەلىيەتچانلىق بىلەن داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق شەكىللىرىنى قارشى ئالىدۇ.»

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ سوئالىغا جاۋاب قايتۇرمىدى.

تەيۋەننىڭ دۇنيادىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى

ۋۇ ئىلگىرى تەيۋەننىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان بولۇپ، خەلقئارا سەھنىدە تەيبېينى ئەڭ كۈچلۈك تەشۋىق قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاشكارا چەت ئەل زىيارىتى 19-نويابىردىكى بېرلىن بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىشى ئىدى.

بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاينىڭ پەلەستىنلىكلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، 1988-يىلدىن بېرى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىپ كەلدى.

تەيۋەن بولسا، پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى جاكارلىدى.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىن چيالۇڭ (Lin Chia-lung) ئۆتكەن ئاي (2025-يىلى ئۆكتەبىر) تەيبېيدە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، تەيۋەن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا «بولۇپمۇ، تېخنىكا ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتە ئۆز-ئارا ئۆگىنىش ۋە بەزى ئالاقىلەرنىڭ بارلىقى» نى تىلغا ئالغان ئىدى.

ئۇ يەنە: «تەيۋەن ئۆزىنىڭ ت-دوم سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك، ئىسرائىلىيەنىڭمۇ ‹تۆمۈر گۈمبەز> (Iron  Dome)  سىستېمىسى بار» دېگەنىدى.

«ت-دوم» بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ «تۆمۈر گۈمبەز» سىستېمىلىرى ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، ئەمما ماھىيەتتە پەرقلىق.

ئىسرائىلىيەنىڭ كۆپ قاتلاملىق مۇداپىئە سىستېمىسى «تۆمۈر گۈمبەز» (داۋۇدنىڭ رىگەتكىسى) (David's Sling)، ئوقيا (Arrow) ۋە ئامېرىكادا ياسالغان «تائاد» (THAAD)  سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«ت-دوم» سىستېمىسى يوقىتىش نىسبىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ۋە بىرىكتۈرۈلگەن «سەزگۈچتىن ئاتقۇچى» (sensor-to-shooter) مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. ئامېرىكانىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» (Patriot) ۋە تەيۋەننىڭ ئۆزى ئىشلىگەن «ئاسمان ئوقياسى»  (Sky Bow) باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ھەمدە زېنىت توپلىرى قاتارلىق مەۋجۇت سىستېمىلارنى بىرلەشتۈرىدۇ.

تەيۋەن-ئىسرائىلىيە ئالاقىلىرى كۆپەيمەكتە

تەيۋەننىڭ ئوتتۇرا شەرقتە دىپلوماتىك ئورگانلىرى ناھايىتى ئاز، ئەمما تەيۋەن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تېل-ئاۋىۋ ۋە تەيبېيدە ئەلچىخانىلىرى بار.

بېيجىڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دەۋاسىنى رەت قىلىدىغان تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى كۈتۈۋېلىپ كەلمەكتە.

ۋۇ ئۆكتەبىردە تەيبېيدە ئىسرائىلىيە پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باش مۇدىرى يىنون ئارونى  (Yinon Aaroni) بىلەن كۆرۈشتى، سېنتەبىردە بولسا، تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې ئىشخانىسىدا ئالتە نەپەر ئىسرائىلىيە پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

ئۆتكەن يىلى (2024) لىۋاندا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە ئىسرائىلىيە ئىشلەتكەن چاقىرغۇلار تەيۋەن شىركىتىنىڭ ماركىسى بولغاچقا، تەيۋەنمۇ بۇ ئىشقا چېتىلىپ قالغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ھەم تەيۋەن ھەمدە ئىسرائىلىيە بۇ ۋەقەنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئاجىزلىتىشقا تىرىشقان ئىدى.