دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن بۇيان ياردەم ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتتى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە رايونىدىكى سەھىيە مۇئەسسەسەلىرىنى ياخشىلاشنىڭ جىددىي تېببىي ياردەم بېرىش يولىدىكى مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) ئوتتۇرىسىدا غەززەدە يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىشتىن بۇيان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دېرىكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس دۈشەنبە كۈنى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئەلئەھلى دوختۇرخانىسىدا ئوپېراتسىيە ۋە جىددىي داۋالاش مۇلازىمەتلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن 24 سائەت ئىچىدە بىر جىددىي داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتكەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ قايتىپ كېلىشى بىلەن غەززە شەھىرىدە تېخىمۇ كۆپ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ پىلانلانغانلىقىنى ھەمدە غەززەگە ئىنسۇلىن، تەجرىبىخانا ماتېرىياللىرى ۋە زۆرۈر دورىلار قاتارلىقلارنى 8 يۈك ماشىنىسىنىڭ توشۇۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى.
تېدروس يەنە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ راك دورىلىرى ۋە باشقا مۇھىم بۇيۇملار، شۇنداقلا ئىنكۇباتور، مېخانىكىلىق شامالدۇرغۇچ ۋە بىمارلارنى نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ياۋروپا غەززە دوختۇرخانىسىغا يەتكۈزۈپ، باشقا دوختۇرخانىلارغا تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«دەرۋەقە بۇ، بىمالارنىڭ سەھىيە مۇئەسسەسەلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ۋە ھەرىكەت قىلىش ۋەزىپىلىرىمىزنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، غەززە مىقياسىدىكى پەلەستىنلىكلەرگە جىددىي تېببىي ياردەم بېرىش جەھەتتىن ھالقىلىق بىر قەدەمدۇر.
بۇ ھەپتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى توغرا يۆنىلىشتە بېسىلغان مۇھىم بىر قەدەم دېيىشكە بولىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىمارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە زۆرۈر سەھىيە مۇلازىمەتلىرىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلىرىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىشكە تەيياردۇر.
غەززەنىڭ سەھىيە سىستېمىسى پەقەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپلا قالماي، بەلكى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئادىل ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ سەزگۈر شەكىلدە قايتا قۇرۇلۇشى كېرەك. ئەڭ ياخشى دورا بولسا تىنچلىقتۇر.»
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، ئۇدا ئىككى يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش پىلانى دائىرىسىدە جۈمە كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، ھاماسنىڭ غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 20 ئىسرائىلىيەلىك گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنى قويۇپ بېرىش باشلاندى.
ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋامىدا، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 68 مىڭ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ سان بۇنىڭدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەن.
ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جەريانىدا، رايوننىڭ زور بىر قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى، پۈتكۈل ئاھالىسىنى دېگۈدەك ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى.