تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىبراھىم كالىن: دۆلىتىمىز كرىزىسلار باشقۇرۇلىدىغان مۇھىم ئۈستەللەردە، سۆز ھوقۇقىغا ئىگە بىر ئاكتىيور
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى كالىن: «دۆلىتىمىز كرىزىسلار باشقۇرۇلىدىغان مۇھىم ئۈستەللەردە، سۆز ھوقۇقىغا ئىگە بىر ئاكتىيورغا ئايلاندى» دېدى.
ئىبراھىم كالىن: دۆلىتىمىز كرىزىسلار باشقۇرۇلىدىغان مۇھىم ئۈستەللەردە، سۆز ھوقۇقىغا ئىگە بىر ئاكتىيور
ئىبراھىم كالىن: دۆلىتىمىز كرىزىسلار باشقۇرۇلىدىغان مۇھىم ئۈستەللەردە، سۆز ھوقۇقىغا ئىگە بىر ئاكتىيور

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن: «رايونلۇق بىر ئاكتىيور بولۇشتىن ھالقىغان دۆلىتىمىز توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشتا ئىشىكى چەكلىدىغان، مۇھىم كرىزىسلار باشقۇرۇلىدىغان ئۈستەللەردە سۆز ھوقۇقىغا ئىگە بىر ئاكتىيورغا ئايلاندى» دېدى.

كالىن، مىللىي مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى (MSU) ئۇرۇش ئاكادېمىيەلىرىدە تەربىيەلىنىۋاتقان كۇرسانت ئوفىتسېرلارغا 22-مايدا «ئارىلاشما تەھدىتلەر دەۋرىدە يېڭى بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى» تېمىسىدا بىر لېكسىيە بەردى.

مىللىي مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەقەت بىر مائارىپ ئورگىنىلا ئەمەس، بەلكى مىللەت ئىرادىسىنىڭ، مىللىي ئاڭنىڭ ۋە قەھرىمانلىقنىڭ مەنبەسى بولغان بىر قەلئە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن كالىن، «ئەجدادلار قالدۇرغان مۇقەددەس ئامانەتنى، ۋەتەن ئۈچۈن ھەر دائىم، ھەر يەردە شۇئارى بىلەن» ھەممەيلەن بىرلىكتە تېخىمۇ ئىلگىرى قەدەملەرنى تاشلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

كالىن، دۇنيادا ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلار ئارقىمۇئارقا يۈز بېرىۋاتقان بىر دەۋردە ئېنىقسىزلىق ۋە مۆلچەرلىگۈسىزلىكنىڭ يەر شارى سىستېمىسى ئۈستىدە شەكىللەندۈرگەن بېسىمى ئۈستىدە توختالدى.

رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختىلىپ، 28-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكا/ئىسرائىلىيە-ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ، رايونلۇق بىر بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن ھالقىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىساد كرىزىسىغا ئايلانغانلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى.

ئىبراھىم كالىن ئىران ۋە ئامېرىكانىڭ قوش قامالى ئاستىدىكى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ، مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرغىلى بولۇشى جەھەتتىن بىر تۈگۈن نۇقتىسىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا/ئىسرائىلىيە-ئىران ئۇرۇشى ۋە غەززە تىنچلىق كېلىشىمى مۇساپىلىرىدە تۈركىيەنىڭ ئۈستىگە ئالغان رولىنى چۈشەندۈردى.

ۆالىن: «ئەمدى تارىخنىڭ ئېقىشىنى سۇ بويىدا ئولتۇرۇپ كۆزىتىدىغان ئەمەس، بەلكى ئۇ ئېقىشقا يۆنىلىش بېرىدىغان بىر تۈركىيە بار» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىپ يەنە مۇنداق دېدى:

« دۆلىتىمىز رايونلۇق بىر ئاكتىيور بولۇشتىن ھالقىپ، توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشتا ئىشىكى چەكلىدىغان، مۇھىم كرىزىسلار باشقۇرۇلىدىغان ئۈستەللەردە سۆز ھوقۇقىغا ئىگە بىر ئاكتىيورغا ئايلاندى. جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرى بىلەن خىزمەت قىلىپ، كرىزىسلارنى ھەل قىلىش مەسىلىسىدە ئاكتىپ تەشەببۇسلاردا بولۇۋاتىمىز»

«تېررورسز تۈركىيە مۇساپىسى بىر دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە يۈرگۈزۈلمەكتە»

رايوندا يۈز بېرىۋاتقان كرىزىسلارنى توغرا مۆلچەرلەپ، بۇلاردىن دەرس چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن كالىن، بۇلارنى بېسىپ ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدارلار تۈرىنى ھەر كۈنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك دوكتىرىنىنى پەقەت چېگرالارنى قوغداشقىلا ئەمەس، رايوندا تەڭپۇڭلۇقنى ئورنىتىش، كرىزىسلارنى مەنبەسىدە يوقىتىش ۋە خەلقئارا مەيداندا ئەقىل-پاراسەتلىك بىر يول تۇتۇش بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈستىگە قۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

تېررورسز تۈركىيە مۇساپىسىدە يېتىپ كەلگەن باسقۇچ ئۈستىدىمۇ توختالغان كالىن، تۈركىيەنىڭ پۈتۈن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇداپىئە كۆرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى كالىن يەنە مۇنداق دېدى:

«تېررورسز تۈركىيە مۇساپىسى بىر دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە يۈرگۈزۈلمەكتە. بۈگۈنگىچە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئۆزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە قورال تاشلاش قارارى ئېلىشى، دۆلىتىمىزدىكى مىلىتانلىرىنى چېكىندۈرىشى ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا تازىلاش تىرىشچانلىقلىرىنى باشلىشىغا ئوخشاش ھالقىلىق باسقۇچلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن بېسىپ ئۆتتۈك. دۆلىتىمىز پىلانلىغان يول خەرىتىسى رامكىسىدا ئىلگىرىلەۋاتقان مۇساپىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر قەۋىمىنىڭ قوللىشى، سەزگۈر پوزىتسىيەسى، سەۋرى ۋە مۇستەھكەم پوزىتسىيەسى بىلەن ئۇتۇققا ئېرىشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل. ئالدىمىزدىكى مەزگىلدىمۇ ئېھتىياتنى قولدىن بەرمەي ۋە قەتئىيلىك بىلەن مۇساپىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا قاراتقان تىرىشچانلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئىبراھىم كالىن سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئۆزەىرىشلەر تەرەپكىمۇ دىققەتلەرنى تارتىپ، سۈرىيەدىكى يېڭى ۋەزىيەتنىڭ، تۈركىيە ۋە رايون جەھەتتىن تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان تېررور ۋە جىنايەت قۇرۇلمىلىرىغا قاراتقان ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەردە بولۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كۈچلۈك تېخنىكىلىق سىغىم بىلەن مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم ئىقتىدارلىرىنى ئاشۇرۇلۇپ تۈركىيەنىڭ كرىزىسلارغا تېخىمۇ چىداملىق ھالغا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن كالىن، ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭمۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن جاسۇسلۇققا، ئىستىخباراتقا قارشى تۇرۇشتىن تور بىخەتەرلىكىگىچە بولغان كەڭ دائىرىدىكى پائالىيەتلىرىدە ئىنسان ئىستىخباراتى قەدەر تېخنىكىلىق ئىستىخبارات سىغىمىنى ھەر كۈنى يېڭى قەدەملەر بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى