شىۋېيتسارىيەدىكى ئوت ئاپىتى قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا كۆز ياشلىرى سەلدەك ئاقتى

شىۋېيتسارىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا كۆز ياشلىرى سەلدەك ئاقتى ۋە ئەتراپ بىر مەھەل سۈكۈتكە چۆمدى.

By
شىۋېيتسارىيەدىكى ئوت ئاپىتى قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا كۆز ياشلىرى سەلدەك ئاقتى / Reuters

يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى داۋامىدا «Le Constellation» قاۋاقخانىسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە كەم دېگەندە 47 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

پەيشەنبە كۈنى كەچتە كرانس-مونتانادا يۈزلىگەن كىشى قەھرىتان سوغۇققا قارىماي جىمجىتلىق ئىچىدە بىر يەرگە جەم بولدى. ئۇلار يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى جەريانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن گۈلچەمبىرەكلەرنى قويۇپ، شاملارنى ياقتى.

تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەر پاجىئە يۈز بەرگەن جايغا قاراپ، سۈكۈتتە تۇردى. كىشىلەر پىچىرلىشىپ سۆزلەشتى ياكى پۈتۈنلەي سۈكۈت قىلىشتى.

فامىلىسىنى ئوروسستېۋىچ دەپ تونۇشتۇرغان بىر ماتەم تۇتقۇچى: «(ئوت ئاپىتىدە يۈز بەرگەن چاغدا) مەن قاۋاقخانىدا ئەمەس ئىدىم، ئەمما ئۇ يەردە نۇرغۇن دوستلىرىم ۋە ئۇرۇق –تۇغقانلىرىم بار ئىدى» دېدى.

ئوروسستېۋىچ ئەھۋالنى بايان قىلىپ: «بەزىلىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى، قالغانلىرى دوختۇرخانىدا. تەخمىنەن 10 دەك كىشى بار ئىدى» دېدى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «كۆپىنچىسى ئائىلەمدىكىلەرنىڭ دوستلىرى ئىدى، مەن ئۇلارنى ئىنتايىن ياخشى تونۇيمەن.»

ئوروسستېۋىچ «كىچىككىنە بىر بىر ھۆرمەت بىلدۈرۈشنىڭ نىشانىسى» سۈپىتىدە قويۇپ قويۇش ئۈچۈن گۈل سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتتى ۋە «روھلىرى شاد بولسۇن» دەپ تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلدى.

ھەممىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرغان كۈتۈلمىگەن پاجىئە

ئەتراپتا بىر قىسىم دوستلار يىغلاپ تۇرۇپ بىر-بىرىنى قۇچاقلىدى. ئەرلەر قايغۇغا چۆمگەن، ياشلىق كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى.

قوشنا چېرمىگنون-دېن-باس رايونىدىن كەلگەن ماتىس، خاتىرىلەش مۇراسىمىدا AFP ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«بۇ يەر بىز نۇرغۇن دوستلىرىمىز بىلەن كۆرۈشىدىغان قاۋاقخانا ئىدى، راستىنى ئېيتقاندا، ھەر ھەپتە ئاخىرى دېگۈدەك بۇ يەرگە كېلەتتۇق. بىز بارمايدىغان ئاز ئۇچرايدىغان ھەپتە ئاخىرىنىڭ بىرى ئىدى.

بىز دەسلەپتە پەقەت كىچىك بىر ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانىدۇق، ئەمما ئۇ يەرگە بارغىنىمىزدا ئۇ يەر خۇددى ئۇرۇش مەيدانىغا ئوخشاپ قالغان ئىكەن. بۇنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن قوللىنالايدىغان بىردىنبىر سۆزۈم — قىيامەت بولۇپ، مەنزىرە تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى.»

ئۇدا 24 يىلدىن بۇيان مۇشۇ رايوندا ياشاۋاتقان فىرانسىيە پۇقراسى پاۋلو مارتىنس AFP ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن چاغدا ئوغلۇممۇ مۇشۇ يەردە بولۇپ قالغان بولاتتى، چۈنكى بۇ جاي بەك يىراق ئەمەس ئىدى.

ئۇ، قىز دوستى بىلەن بىللە ئىدى؛ ئۇلار قاۋاقخانىغا بېرىشنى پىلانلىغان، ئەمما ئاخىرىدا ئۇ يەرگە يېتىپ بارالمىغان. ئۆيگە كەلگەندە ھەقىقەتەن ھەيران قالغان ۋە چۆچۈپ كەتكەن ئىدى.»

ئۇنىڭ 17 ياشلىق ئوغلىنىڭ بىر دوستىنىڭ بەدىنىنىڭ %30 ى كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ، داۋالىنىش ئۈچۈن گېرمانىيەگە ئەۋەتىلدى.

ماتەم تۇتقۇچىلار قاۋاقخانىغا بارىدىغان يولنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ۋاقىتلىق قويۇلغان بىر ئۈستەلگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن گۈللەرنى ۋە خاتىرە بۇيۇملارنى قويۇپ قويدى. يول بولسا ئاق رەڭلىك رەڭلىك ئېكرانلار بىلەن كۆرۈنمەس قىلىپ قويۇلغان ئىدى. ئىككى ساقچى خادىمى خەۋپسىزلىك لېنتىسى ئالدىدا نۆۋەتتە تۇراتتى. ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان كىشىلەر  شام ۋە گۈللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۈستەل لىق تولغاندا، كىشىلەر شاملارنى بىر-بىرلەپ مۇز تۇتقان يەرگە قويۇشقا باشلىدى.

يىغىلغان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ھېس – تۇيغۇلىرىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئىپادىلەپ بېرەلمەيتتى. بىر كىشى دوستى بىلەن بىللە گۈل قويغاندىن كېيىن، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كېتىپ قالدى.

كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئايال: «ئۆلگەنلەر ۋە يارىلانغانلار بار، يەنە يېقىنلىرىمىزدىن تېخىچە ئىز-دېرىكى يوق بىرى بار. ئۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىدۇق» دېدى. ئۇنىڭدىن: «ئۇلارغا نېمە بولغانلىقىنى بىلەمسىز؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ: «بەزىلىرىگە نېمە بولغانلىقىنى بىلمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئازاب  - ئوقۇبەت

يېزىدىكى روژدېستۋو چىراغلىرى يەنىلا يېنىپ ئۆچۈپ تۇراتتى، ئەمما ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن كۆپلىگەن قاۋاقخانىلار تاقالدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى مونتانا-ستەيشىن (Montana-Station) چېركاۋىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بىر دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

يەرلىك چېركاۋ جامائىتىدىن ژان كلود مۇنداق دېدى:

 «ناھايىتى كۆپ ئادەم بار ئىدى، كەيپىيات ناھايىتى قايغۇلۇق ئىدى، ئەمما ئۈمىد ھەققىدە ناھايىتى گۈزەل بىر ۋەز ئېيتىلدى: ھېچبولمىغاندا ئۈمىدىمىزنى يوقىتىپ قويمايلى.»

ھېسسىياتىنى بېسىۋالالماي سۆزلەشكە قىينىلىۋاتقان بىر ياش يىگىت: «ئۇ يەردە بولغانلارنىڭ پەقەت تونۇشلىرىمىزنىڭ دوستلىرىنىلا تونۇيتتۇق. بىز ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈۋاتىمىز» دېدى.

مىنا ئىسىملىك بىر ماتەم تۇتقۇچى بولسا، ئوغلىنىڭ ئۇ مەشھۇر قاۋاقخانىغا پات-پات بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، AFP ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

 «ئۇنىڭ تۈنۈگۈن كېچە ئۇ يەردە بولماسلىقى بىر تاسادىپىيلىق ئىدى.

ئۇ تونۇيدىغان بىر مۇلازىمەتچى قىز بار ئىدى، ئۇ قىز ئوغلۇمغا دائىم مۇلازىمەت قىلاتتى، ئىككىسى ناھايىتى  يېقىن ئىدى، ئەپسۇسكى، ئۇ قىز ئەمدى ھايات ئەمەس.»

كران-مونتانادا ئۇدا 40 يىلدىن بۇيان ياشاۋاتقان ياشانغان ئىتالىيەلىك ۋېرونىكا مەڭزىدىكى ياشلارنى ئېيتىپ تۇرۇپ: «باشقىلارنىڭ ئازابى ھەممىنىڭ ئازابىدۇر» دېدى.