تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
نۇمان قۇرتۇلمۇش: «تېرروردىن خالىي تۈركىيە» مۇساپىسى رايون خاراكتېرلىك ئامانلىقنىڭ يولىنى ئاچىدۇ»
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، تۈركلەرنىڭ، كۈردلەرنىڭ ۋە باشقا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بىرلىك ئىچىدە يولىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نۇمان قۇرتۇلمۇش: «تېرروردىن خالىي تۈركىيە» مۇساپىسى رايون خاراكتېرلىك ئامانلىقنىڭ يولىنى ئاچىدۇ»
نۇمان قۇرتۇلمۇش: «تېرروردىن خالىي تۈركىيە» مۇساپىسى رايون خاراكتېرلىك ئامانلىقنىڭ يولىنى ئاچىدۇ» / َAA

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ «تېرروردىن خالىي تۈركىيە» تەشەببۇسىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ۋە رايون مىقياسىدا تېخىمۇ كۈچلۈك بىر بىرلىكنىڭ يولىنى ئاچىدىغانلىقىنى، ئاخىرىدا «تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېرروردىن خالىي بىر رايون» قۇرۇپ چىقىشقا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قۇرتۇلمۇش بۇ تەشەببۇسنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك رايون خاراكتېرلىك بىر مۇساپىنىڭ تۇنجى قەدىمى دەپ تەرىپلىدى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بوغازئىچى دىپلوماتىيە مۇنبىرىنىڭ ئاخىرلىشىش پروگراممىسىدا سۆز قىلغان قۇرتۇلمۇش: «40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان، مىڭلارچە ئادىمىمىز شېھىت بولغان، ئون مىڭلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، يېزا ۋە شەھەرلەر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان بۇ مۇساپىنى ئەمدى ئارقىدا قالدۇرىمىز» دېدى.

قۇرتۇلمۇش: «بۇ دۆلەتتە تۈركلەر، كۈردلەر ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىن بولغان كىشىلەر بىرلىك باراۋەرلىك ئىچىدە يولىنى بىرلىكتە داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

بۆلۈنۈش، ئايرىش ۋە ياتلاشتۇرۇش تىلىنىڭ ئورنىنى «قېرىنداشلىق ۋە بىرلىك تىلى» ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن قۇرتۇلمۇش، بۇ ئۇسۇلنىڭ تۈركىيە چېگراسىدىن ھالقىپ تۈركلەرنى، كۈردلەرنى، ئەرەبلەرنى ۋە باشقا خەلقلەرنى بىر-بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى قۇرتۇلمۇش: «كۈچلۈك بىر رايون، تېرروردىن خالىي بىر رايون قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى