تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان فەنەر رۇم پاترىكىنى قوبۇل قىلدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فەنەر رۇم پاترىكى بارتھولومېئوسنى قوبۇل قىلدى.
00:00
ئەردوغان فەنەر رۇم پاترىكىنى قوبۇل قىلدى
ئەردوغان فەنەر رۇم پاترىكىنى قوبۇل قىلدى / TRT Uyghur

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە فەنەر رۇم پاترىكى بارتھولومېئوس بىلەن كۆرۈشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇچرىشىشتا، فەنەر رۇم پاترىكى بارتھولومېئوس سۈرىيەدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاندىن ياردەم تەلەپ قىلغان.

فەنەر رۇم پاترىكخانەسىىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، فەنەر رۇم پاترىكى بارتھولومېئوس جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن سۈرىيەدىكى خىرىستىيانلارنىڭ ئەھۋالى، ئانتاكيە پاترىكخانەسى بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋەتلەر توغرۇلۇق سۆھبەتلەشكەن ھەمدە سۈرىيەدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدا ئەردوغاندىن ياردەم سورىغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بارتھولومېئوس ھەيبەلىئادا رۇھبان مەكتىپىنى قايتا ئېچىش توغرىسىدىكى خىزمەتلەرنىڭ باشلانغانلىقى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتقان ھەمدە بۇ ھەقتىكى رەسمىيەتلەرنى تېزلىتىش جەھەتتە ياردەم سورىغان.

سۆھبەت جەريانىدا 2025-يىلى 1700 - يىللىقى تەبرىكلىنىدىغان بىرىنچى ئىزنىك قۇرۇلتىيى ۋە پاپا فرەنسىسنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە قىلىدىغان زىيارىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى