سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئاۋسترالىيە كېننېدى سۇيىقەستى تەكشۈرۈشىنىڭ «كانبېررا» قىسمىنىڭ مەخپىي تۇتۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان
يېڭى ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، كېننېدى سۇيىقەستكە ئۇچرىغان مەزگىلدە ئامېرىكانىڭ كانبېررادىكى ئەلچىخانىسىغا كەلگەن نامسىز تېلېفونلار ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلەر مەخپىي تۇتۇلغان.
00:00
ئاۋسترالىيە كېننېدى سۇيىقەستى تەكشۈرۈشىنىڭ «كانبېررا» قىسمىنىڭ مەخپىي تۇتۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان
جون ف. كېننېدى سۇيىقەستى ھۆججەتلىرى توغرىسىدا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار / AP

ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يېڭىدىن مەخپىيەتلىكى بىكار قىلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارىلغان ھۆججەتلەرنىڭ كۆرسىتىپ بەرگىنىدەك، ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق ئىستىخبارات باشلىقى چارلېس سپراي 1968-يىلى ئۆكتەبىردە  مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى — CIA دىرېكتورى رىچارد خېلمسقا مەكتۇپ يېزىپ، 1963-يىلى پىرېزىدېنت جون ف. كېننېدى ئۆلتۈرۈلگەن مەزگىلدە، ئامېرىكانىڭ كانبېررادىكى ئەلچىخانىسىغا كەلگەن نامسىز تېلېفونلارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ جامائەتكە ئاشكارىلانماسلىقى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارUS releases new batch of secret files on Kennedy assassination

ئامېرىكا كېننېدى سۇيىقەستىگە ئالاقىدار يېڭى مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىدى

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 1963-يىلىدىكى پىرېزىدېنت جون ف. كېننېدى سۇيىقەستىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرگە دائىر 1,500 پارچىغا يېقىن ھۆججەتنى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىدى.


ترامپنىڭ بىر ئىجرائىيە بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسى سەيشەنبە كۈنى 1963-يىلىدىكى سۇيىقەست ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك 80,000 بەتلىك مەخپىيەتلىكى ئېچىۋېتىلگەن ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى  پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بۇ سۇيىقەست ۋەقەسىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئامېرىكانىڭ كانبېررادىكى ئەلچىخانىسىغا كەلگەن بىر قانچە نامسىز تېلېفونلارنى تەكشۈرگەن.

كېننېدىنىڭ ئىزباسارى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋاررېن تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ كېننېدى سۇيىقەستنىڭ كانبېررا بىلەن بولغان ئالاقىسى تەكشۈرۈلگەن بىر پارچە ھۆججەت بار ئىدى.

1968 -يىلى نويابىردا خېلمسقا يوللانغان بىر خاتىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «سېر چارلېسنىڭ سىزگە يازغان خېتىدە، كېننېدىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئالدى-كەينىدە كانبېررا ئەلچىخانىسىغا كەلگەن نامسىز تېلېفونلارنى تەكشۈرۈشىمىزگە ئائىت ۋاررېن كومىتېتى ھۆججىتىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا قارشى پىكىر بېرىلگەن.»

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، خېلمس سپرايغا خەت يېزىپ، «ھازىرچە بۇ ھۆججەتنى ئاشكارىلاش نىيىتىمىز يوق» دەپ ئۇنى خاتىرجەم قىلغان.

ئاۋسترالىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى (ئىستىخبارات) ئىدارىسى بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن  CIA نىڭ پىكرىنى سورىغان. خېلمسنىڭ تەسۋىرلىشىچە، بۇ «ۋاررېن كومىتېتى ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلاشقا بولغان بېسىمنىڭ كۈچىيىشىنى ئالدىن مۆلچەرلەش ئۈچۈن ئىدى، ئەمما بۇ بېسىم ئەمەلىيەتتە يۈز بەرمىگەنىدى.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارFour conspiracy theories over JFK’s assassination that still endure today

جون ف. كېننېدىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن تۆت سۇيىقەست نەزەرىيەسى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ جون ف. كېننېدى، روبېرت ف. كېننېدى ۋە مارتېن لۇتېر كىڭ سۇيىقەستلىرىگە ئائىت مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇ قەدەم شۇ تارىخىي ۋەقەلەر ئەتراپىدىكى ئون يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن سۇيىقەست نەزەرىيەلىرىگە خاتىمە بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.


ۋاررېن كومىتېتى قاتارلىق رەسمىي دائىرىلەر بۇ ۋەقەنى يالغۇز قاتىل لې ھارۋېي ئوسۋالدنىڭ قىلمىشى دەپ خۇلاسىلىگەن بولسىمۇ، كېننېدىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى سۇيىقەست نەزەرىيەلىرى بىلەن چىرمالغان.

ھازىر ترامپنىڭ سەھىيە ۋە ئىنسانىي مۇلازىمەتلەر مىنىستىرى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان، مەرھۇم پىرېزىدېنتنىڭ جىيەنى كىچىك روبېرت ف. كېننېدى، بۇ سۇيىقەستكە  مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئارىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسى تورىغا يۈكلەنگەن ھۆججەتلەر، بۇ سۇيىقەستكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈتۈشلەرنىڭ بىر قىسمى. ترامپ  23-يانۋاردا ئىجرائىيە بۇيرۇقى ئىمزالاپ، ھۆججەتلەرنىڭ تولۇق ئاشكارىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇنى جامائەت مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش دەپ ئاتىغان.

جون ف. كېننېدى سۇيىقەستىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر قانچە ئانالىزچى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا، يېڭى ھۆججەتلەرنىڭ ھەرقانداق مۇھىم يېڭىلىقنى ئاشكارىلاش ئېھتىمالىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارFBI discovers around 2,400 secret JFK assassination records: Report

دوكلات: ئامېرىكا فېدېراتسىيە ساقچى ئىدارىسى جون ف. كېننېدى سۇيىقەستىگە ئائىت 2,400 گە يېقىن مەخپىي خاتىرىنى بايقىدى

ترامپنىڭ جون ف. كېننېدىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئائىت بارلىق ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلاش ھەققىدىكى ئىجرائىيە بۇيرۇقىدىن كېيىن، 14,000 بەتلىك ھۆججەت تېپىلدى.


ئامېرىكا فېدېراتسىيە ساقچى ئىدارىسى يېقىندا ترامپنىڭ ئىجرائىيە بۇيرۇقىغا ئاساسەن باشلانغان تەكشۈرۈشى جەريانىدا، 14,000 بەتلىك ھۆججەتلەر ئىچىدىن بۇ سۇيىقەستكە مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرى ئاشكارىلانمىغان 2,400 گە يېقىن خاتىرىنى بايقىغان. بۇ خاتىرىلەردە نەچچە ئون يىلدىن بېرى مەخپىي تۇتۇلغان تەكشۈرۈش تەپسىلاتلىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى