سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى جەنۇبىي لىۋاننى ئۈچ ئايرىم رايونغا بۆلۈشنى ۋە ھەرقانداق ھەربىي چېكىنىشنى ھىزبۇللاھنىڭ تارقىتىۋېتىلىشى شەرتىگە باغلاشنى مەزمۇن قىلىدۇ.
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى / Reuters

ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي لىۋاندا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشىنى نىشان قىلغان بىر پىلاننى لىۋانغا سۇنۇشقا تەييارلانماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ «14-قانال» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەكلىپ لايىھەسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسرائىلىيە-لىۋان بىۋاسىتە سۆھبەتلىرى جەريانىدا مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

مەزكۇر پىلان لايىھەسى بېنىيامىن نېتانياھۇنىڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى، سابىق ئىستراتېگىيەلىك ئىشلار مىنىستىرى رون دېرمېر تەرىپىدىن تەييارلانغان.

دوكلاتلارغا قارىغاندا، پىلان بويىچە جەنۇبىي لىۋان تۆۋەندىكىدەك ئۈچ رايونغا بۆلۈنىدۇ:

بىرىنچى رايون، ئىسرائىلىيە چېگراسىدىن «سېرىق لىنىيە» گىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ بۇ لىنىيە لىۋان ئىچىدىن تەخمىنەن 7-8 كىلومېتىر كىرىدۇ. پىلاندا ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ بۇ يەردە «قويۇق ھەربىي مەۋجۇتلۇقى» نى ساقلاپ قالىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. بۇ قىسىملار ھىزبۇللاھ پۈتۈنلەي بىر تەرەپ قىلىنغۇچە شۇ يەردە تۇرىدۇ.

ئىككىنچى رايون، سېرىق لىنىيەدىن لىتانى دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ يەرگىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كونتروللۇقنى لىۋان ئارمىيەسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

لىتانى دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى قورالسىزلاندۇرۇش مەسئۇلىيىتى پۈتۈنلەي بېيرۇتقا تەۋە بولىدۇ.

«14-قانال» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى لىتانى دەرياسىنىڭ شىمالىدا پۈتۈنلەي قورالسىزلاندۇرۇشنىڭ پات يېقىندا ئىشقا ئېشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، ئەمما بۇنىڭ بەدىلىگە بېيرۇتنىڭ جەنۇبتا بىر «بىخەتەرلىك رايونى» قۇرۇلۇشىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا.

تەكلىپ لايىھەسى ھىزبۇللاھ قورالسىزلاندۇرۇلغاندىن كېيىن يولغا قويۇلىدىغان ئاخىرقى تىنچلىق كېلىشىمى ئېھتىماللىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىسرائىلىيە ۋە لىۋان دائىرىلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بىر يەرگە جەم بولۇشى كۈتۈلمەكتە.

ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى «KAN» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەكىللەر ئۆمىكىگە باش ئەلچى يېچىئېل لېيتېر بىلەن دېرمېر بىرلىكتە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

لىۋان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى سۆھبەتنىڭ جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى، ئەمما كېيىنچە ھىزبۇللاھ بۇ قەدەمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ھىزبۇللاھ سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى، لىۋان ھۆكۈمىتىنى ئىسرائىلىيە بىلەن بولىدىغان بىۋاسىتە سۆھبەتنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

ھىزبۇللاھ باش كاتىپى نائىم قاسىم دۈشەنبە كۈنى تېلېۋىزىيەدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«بىز ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتى بىلەن بىھۇدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلىمىز. بىز تەسلىم بولمايمىز، ئاخىرقى ھۆكۈمنى ئۇرۇش مەيدانى چىقىرىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى