ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا 15 ياشلىق پەلەستىنلىك بىر بالىنى ئۆلتۈردى

پەلەستىن مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، راماللاھقا يېقىن سىلۋاد يېزىسىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرگە ئوق چىقىرىش، ياش ئاققۇزۇش ۋە ئاۋاز بومبىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغال ئاستىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 15 ياشلىق بىر پەلەستىنلى / AA

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان راماللاھ شەھىرىنىڭ سىلۋاد يېزىسىغا ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا 15 ياشلىق بىر پەلەستىنلىك بالىنى ئۆلتۈردى.

پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى (WAFA) نىڭ يەرلىك مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرگە ئوق چىقىرىش، ياش ئاققۇزۇش ۋە ئاۋاز بومبىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان. بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا يامىن سەمەد ھەمەدكە ئوق تەگكەن.

مەنبەلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ يارىلانغان بۇ بالىنى ئېلىپ كېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، بۇ بالا بىر مەزگىل يەردە يېتىپ قالغان، كېيىن ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنغان.

راماللاھتىكى پەلەستىن تېببىي مەركىزى كېيىنچە بۇ بالىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پەلەستىن مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2023 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى كۈچەيگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا 1062 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 10 مىڭ 300 پەلەستىنلىك يارىلانغان.

ئالدىنقى ئايدا، خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى ئىشغال قىلىشىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلاپ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستىكى بارلىق يېزا – قىشلاقلارنىڭ بوشىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.