خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۈچ مۇخبىر ئۆلتۈرۈلدى
ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئاپتوموبىلنى نىشان قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن، «ئەل-مانار» ۋە «ئەل-مايادىين» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن بىر سىنغا ئالغۇچى ھاياتىدىنھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۈچ مۇخبىر ئۆلتۈرۈلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۈچ مۇخبىر ئۆلتۈرۈلدى / AA

ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ئېيتىشىچە، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى جەززىنە شەھىرى ئەتراپىدا كېتىۋاتقان بىر ئاپتوموبىلغا ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشى نەتىجىسىدە ئۈچ مۇخبىر قازا قىلغان.

ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا «ئەل-مانار» تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرى ئەلى شۇئەيب، «ئەل-مايادىين» مۇخبىرى فاتىمە فاتۇنى ۋە بىر سىنغا ئالغۇچىمۇ بار.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەلى شۇئەيبنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، قالغان ئىككى مۇخبىرنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە توختالمىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، لىۋان دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى (NNA) جەززىنەدىكى ئەل-باراد يولىدا بىر ئاپتوموبىلغا ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ئەمما تەپسىلاتىنى بەرمىگەن ئىدى.

خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە شەنبە كۈنى تاڭ سەھەردىن باشلاپ كۆپىنچىسى جەنۇبتا جەمئىي 42 بازار، شەھەر ۋە رايوننى ھاۋا ھۇجۇمى ۋە زەمبىرەك ئوقى بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2-مارتتا باشلانغان لىۋان ھۇجۇمىدا، لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئاز دېگەندە 1142 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 3315 كىشى يارىلانغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel plans deeper invasion inside Lebanon — report
ئىزدىنىڭ
تىبەتتە 7 بال يەر تەۋرەپ، 16 كىشى ئۆلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى