115 مىڭدىن ئارتۇق سۈرىيەلىك ۋەتىنىگە قايتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن كېيىن، قوشنا دۆلەتلەردىكى 115 مىڭدىن ئارتۇق سۈرىيەلىكنىڭ دۆلىتىگە قايتقانلىقىنى بىلدۈردى.

115 مىڭدىن ئارتۇق سۈرىيەلىك ۋەتىنىگە قايتتى / TRT Uyghur

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ دۆلىتىگە قايتىش ئەھۋالى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، پاناھلاندۇرغۇچى دۆلەتلەرنىڭ دوكلاتلىرى، سۈرىيەدىكى كۆچمەنلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئورگانلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى ۋە شېرىكلىرىنىڭ چېگرا ئېغىزلىرىدىكى كۆزىتىش خىزمەتلىرىگە ئاساسلانغاندا،  2024-يىلى 8-دېكابىردىن باشلاپ تۈركىيە، ئىيوردانىيە ۋە لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەردىن 115 مىڭدىن ئارتۇق كىشى سۈرىيەگە قايتقان.