خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكادىكى مىڭلارچە مەكتەپ تور ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، مىليونلارچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇچۇرى ئوغرىلاندى
جىنايى شايكا تۈرىدىكى تور تاۋلىمىچىلىقى تەشكىلاتى (SHİNYHUNTERS) توردا ئۆگىنىش سۇپىسى «كانۋاس»نىڭ ئانا شىركىتى «Instructure» نىڭ سىستېمىسىنى بۇزۇپ كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆلەم تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكادىكى مىڭلارچە مەكتەپ تور ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، مىليونلارچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇچۇرى ئوغرىلاندى
"ShinyHunters (يەنە بىر قېتىم) Instructure غا بۆسۈپ كىردى" دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش. [پېننىڭ Canvas تور بېكىتى] / Other

ئامېرىكادىكى خارۋارد، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان مائارىپ ئورۇنلىرى، ئىلگىرى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى بوشلۇقىدىن كېيىن، كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى.

كەم دېگەندە 2019-يىلىدىن بۇيان پائالىيەت قىلىۋاتقان ۋە تونۇلغان تور تاۋلىمىچىلىقى گۇرۇھى «شاينىيخانتېرس» ئۆزۈم قىلدىم دەپ ئېلان قىلغان پەيشەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇم، «كانۋاس» ئۆگىنىش سۇپىسىنىڭ مۇلازىمىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەزكۇر گۇرۇھ 8809 ئۇنىۋېرسىتېت، مەكتەپ رايونى ۋە توردا تەربىيەلەش سۇپىسىدىن 280 مىليون ئوقۇغۇچى ۋە خىزمەتچىنىڭ ئۇچۇرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«خارۋارد كرىمسون» (Harvard Crimson) ئوقۇغۇچىلار گېزىتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھرىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، سىستېمىغا كىرىشكە ئۇرۇنغان ئوقۇغۇچىلار خاككېرلارنىڭ «كانۋاس»نىڭ ئانا شىركىتى «Instructure»غا تەۋە مۇلازىمېتىرلارنى «قايتىدىن» بۇزۇپ كىرگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرىنى كۆرگەن.

خاككېرلار: «مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىز بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ ئورنىغا، بىزگە پىسەنت قىلماي بىر قىسىم ‹بىخەتەرلىك ياماقلىرى›نى قىلدى. تىزىملىكتىكى مەكتەپلەرنىڭ قايسىبىرى ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى خالىسا، بىر تور مەسلىھەتچىلىك شىركىتى بىلەن مەسلىھەتلىشىڭ ۋە كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن بىز بىلەن ئالاھىدە ئالاقىلىشىڭ» دەپ بايانات بەردى. شۇنداقلا، ئەگەر مەكتەپلەر 12-مايغىچە ئالاقىلاشمىسا، ئوغرىلانغان بارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى. ئۇچۇردا يەنە «شاينىيخانتېرس»نىڭ قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىك ئۇلىنىشىمۇ بار ئىدى.

كولۇمبىيە، رۇتگېرس، پرىنستون، كېنت ستات، خارۋارد ۋە جورجتاۋن قاتارلىق ئامېرىكا مىقياسىدىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مائارىپ ئورۇنلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن تور ھۇجۇمى ھەققىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. بۇ ۋەقە يەنە كالىفورنىيە، فلورىدا، جورجىيە، ئوكلاخوما، ئورېگون، نېۋادا، شىمالىي كارولىنا، تېننېسسى، يۇتا ۋە ۋىرگىنىيە ئىشتاتلىرىدىكى مەكتەپ رايونلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى.

ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى «كانۋاس»نىڭ «مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەتتە كۆرۈلگەن بىر مەسىلە سەۋەبىدىن نۆۋەتتە ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ، «Instructure»نىڭ يېقىندا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بىر ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە يولۇققانلىقىنى ۋە بۇنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بىراق، ئۇنىۋېرسىتېت ستانفورد ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى باشقا كۆپلىگەن مائارىپ ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «كانۋاس» خېرىدارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان يېڭى بىر تور ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋەقەسىنىڭ بارلىقىنىمۇ قەيت قىلدى.

«Instructure» شىركىتى تۇنجى قېتىملىق بۇزۇپ كىرىشتە ئوغرىلانغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشلەتكۈچىلەر ئارىسىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلاردىن سىرت، ئىسىم-فامىلە، ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسى ۋە ئوقۇغۇچى كىملىك نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئىزدىنىڭ
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى 4 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتى
نىگېرىيەدە سودىگەرلەر ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتىنى نىشان قىلغان يېڭى ئېمبارگو قارارلىرىنى ماقۇللىدى
رۇسىيە: بىز ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى خالايمىز
ئىران مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ئامېرىكانى «ئوت بىلەن ئويناشماسلىق»قا چاقىردى
ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: زېلېنىسكىي ئەردوغاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى
تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئورتاق بايانات بىلەن ئەيىبلىدى
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى