ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئاسىيا رەھبەرلىرى ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ۋەدە بەردى
پاكىستان، مالايشىيا ۋە جەنۇبىي كورېيە رەھبەرلىرى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ مۇھىملىقنى تەكىتلەپ، ئىشچىلار ھوقۇقىنى قوغداش ۋە بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرىنى ياخشىلاشقا ۋەدە بەردى.
ئاسىيا رەھبەرلىرى ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ۋەدە بەردى
ئاسىيا رەھبەرلىرى ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ۋەدە بەردى / AP

ئاسىيا ئەللىرى ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتقان بىر پەيتتە، رەھبەرلەر ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوغداش توغرىسىدا ۋەدە بەردى ۋە ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي چىدامچانلىق ھەم دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف دۆلىتىنىڭ ئىشچىلارنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن «يېڭىلانغان قارار ۋە ۋەدە» گە ئاساسەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سېپىگە قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، ئەمگەكچىلەر، دېھقانلار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە كەسپىي خادىملارغا ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن شېرىف، ئۇلارنى «جەمئىيىتىمىزنىڭ تۈۋرۈكى» دەپ ناتىدى.

شېرىف پاكىستاندا ۋە چەت ئەللەردە ئىشلەۋاتقان مىليونلىغان پاكىستانلىقلارنىڭ قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا  چەت چەت ئەلدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ «پاكىستان تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئەلچىلىرى» ئىكەنلىكىنى ۋە تاشقى پېيرېۋات ئەۋەتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى كۈچەيتىشتە ھالقىلىق رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ پاراۋانلىقىنىڭ جان تومۇرى  ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاياللار ھەم چەت ئەلدە ئىشلەۋاتقان پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىشچىلارنىڭ پاراۋانلىقىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

ئەنۋەر ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە  ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىشچى – خىزمەتچىلەر مىللەتنىڭ پاراۋانلىقىنىڭ تۈۋرۈكىدۇر؛ ئىقتىسادنىڭ پۈتۈنلۈكى ۋە مالايشىيانىڭ كەلگۈسى، ئىشچى – خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى، سادىقلىقى ۋە پىداكارلىقىدىن كۈچ ئالماي تۇرۇپ ھەرگىزمۇ ئىشقا ئاشمايدۇ» دېدى.

 ئۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ «تىرىشچانلىقى، سادىقلىقى ۋە پىداكارلىقىغا» باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى لې جائې ميۇڭ بولسا Yonhap News نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىزمەت ئورنى بىخەتەرلىكىنىڭ قاتتىق ئىقوغدىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى ۋە ئىشچىلارنى قوغداش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلدۈردى.

 لې كارخانىلارنىڭ گۈللىنىشى بىلەن ئىشچىلار پاراۋانلىقى بىر-بىرىگە زىت دېگەن چۈشەنچىنى رەت قىلىپ، سىجىل تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك ئىشچىلارنى قوغداش تۈزۈمىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
ئۆزئارا ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان پەيتلەردىكى ھۇجۇملاردا 20 ئۇكرائىنالىق ئۆلدى
كۇبا ئامېرىكانىڭ ھەربىي ھەرىكەت تەھدىتى ۋە ئىقتىسادىي ئۇرۇشلىرىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 373 مىليون دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشىمىز FIFA نىڭ بېرىدىغان كاپالىتىگە باغلىق
ئىران: «ھۆرمۈز بوغۇزىدىكى ئامېرىكا ھۇجۇمىدا 5 پۇقرا ئۆلدى»
ئامېرىكا-ئىران جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن پاي چېكى تۆۋەنلىدى، نېفىت باھاسى يۇقىرى ھالەتتە
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ: «ئىران بىلەن «كىچىك ئۇرۇش» ھالىتىدە تۇرۇۋاتىمىز» دېدى
ئۇرۇشنىڭ تەننەرخى ئېغىر، ئامېرىكالىقلار ئاپتوموبىلنى ئاز ئىشلەتمەكتە، تەتىللەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىدا تۈركىيە ۋەھىمىسى: ياۋروپا ئەنقەرەگە يۈزلەنمەكتە
غەربىي بېنگال ئۆلكىلىرى سايلىمىدا مودىنىڭ باھاراتىيا جاناتا پارتىيەسى «تارىخىي» غەلىبە قازاندى
2026-يىللىق «ساھا» مۇداپىئە كۆرگەزمىسى بۈگۈن ئىستانبۇلدا باشلىنىدۇ
خىتايدىكى بىر ئېتىلداق زاۋۇتىدا غايەت زور پارتلاش يۈز بېرىپ، 21 كىشى ئۆلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقياسىدىكى ھۇجۇملىرىدا 14 كىشى ئۆلدى، 60 كىشى يارىلاندى
جەۋدەت يىلماز 8-نۆۋەتلىك ياۋروپا سىياسىي جەمئىيىتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
مىرزىيايېۋ ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى